خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 6 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.30
2008.08.30
شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە خىتاي خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ جۈمە كۇنى، يەرلىك ساقچىلار قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە باستۇرۇش ھەركىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەسلى مەقسىتى مۇشۇ ئاينىڭ 12 - كۇنى قەشقەردە ئۆلتۈرۈلگەن 3 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ دېلوسىغا چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان بىر گۇرۇپپا بۆلگۈنچىلەرنى قولغا چۈشۈرۈش ئىكەن.
شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرگىنىگە قارىغاندا ساقچىلار بىر قوناقلىق ئېتىزلىقىدا پىچاق بىلەن قوراللانغان بۇ 9 نەپەر كىشى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالغان بولۇپ بۇ كىشىلەر ساقچىلارنىڭ "تەسلىم بول" دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە ئىككى نەپەر ساقچىنى يارىلاندۇرغان ئىكەن.
ساقچىلار بۇنىڭغا قورال بىلەن جاۋاپ بەرگەن نەتىجىدە 6 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندار دەپ قارىلىپ نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 3 نەپىرى يارىلاندۇرۇلغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئوتكەن بىر ئايدىن بۇيان شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا كۆپ قېتىم توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن بولۇپ 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە 16 نەپەر خىتاي ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەن.
قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن 6 كۇن كىيىن، كۇچادا بىر نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ھادىسىسى مەيدانغا كەلگەن.
8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەرنىڭ يامانيار يېزىسىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا مەزكۈر پونكىتتا ئىشلەيدىغان 3 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بىر نەپىرى ئېغىر دەرىجىدە يارىدار بولغان.
بۇ چارشەنبە كۇنى بولسا قەشقەردە قوناقلىقتا گۇمانلىق كىشىلەرنى ئىزدەۋاتقان ئىككى نەپەر ساقچى كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەرنڭ تەھلىل قىلىشىچە يېقىندىلا ئاخىرلاشقان خەلقارا ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىۋېلىش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنىڭ قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلەتكەن ئىكەن.
مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۇرگىنىگە قارىغاندا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئون نەچچە يىللاردىن بىرى داۋاملىشىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر زۇلمىدا قىينالماقتا ئىكەن.