شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ 10-نۆۋەتلىكى بۇ يىل 22-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى.
ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان ئېلى ئەمىرى مەدەنىيەت مەركىزى يىغىن زالىدا ئېچىلغان مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىنغا يەنە تۈركىيەدىكى، ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى ۋە باشقا كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشتى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش دانىشمەنى ئەخمەت سېلىم كۆرئوغلى ئەپەندى، ئاممىۋى ھەمكارلىق مۇنبىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئايخان ئوگان، خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور نىجاتى جەيلان، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جەلال ئەرباي، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيارى قاتارلىق ئونلارچە ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ بۇ يىغىننى تەبرىكلىدى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ تىلەك-ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش دانىشمەنى ئەخمەت سېلىم كۆرئوغلى، تۈركىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غەم-قايغۇغا پاتماسلىقىنى ۋە ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ غايە مەقسەتلىرى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلانغانلىقىنى، ئۇ كۈنى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەنلىكىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن يىغىننىڭ پۈتۈن پروگراممىلارنى بىكار قىلغانلىقىنى ۋە يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا بېرىپ، نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەمما دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى شۇ يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل 10-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى قوشماق تۇغقانچىلىق نامى ئاستىدا خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەخلاقسىزلىق، قانۇنسىزلىق بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبلىرىنى ئوت بىلەن داغلىغاندەك قايغۇ-ئەلەمگە تولدۇردى.»
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر يوق بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، تۈركىيە قاتارلىق دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ سابىق رەئىسى روزا مۇھەممەد ھاجىم سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە چاقىردى ۋە 10-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزى بىلەن قوشۇپ 5 كىشىنىڭ بۇ يىغىنغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
روزا مۇھەممەد ھاجىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخانغا، قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تەييارلانغان شەرەپ مېدالىنى تەقدىم قىلدى. دوپپا ۋە تون كىيدۈرۈپ، «شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس ئوغلانى» دەپ باھا بەردى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە ياسالغان شەرەپ تاختىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن شەخسلەر دەپ قارالغان، ئەخمەت سېلىم كۆرئوغلى، ئايخان ئوگان، ئىسمائىل ھەققى تۇرۇنچ، پروفېسسور جالال ئەرباي، دوكتور ئۆمەر قۇل، دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار، ئابدۇللا ئالىم قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 23 كىشىگە مۇكاپات بېرىلدى.
10-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى 22-ئىيۇل ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن 26-ئىيۇلغىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى خەلق ئاممىسىغا ئوچۇق بولۇپ، كېيىنكى كۈنلەردىكى بۆلۈملىرى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئاكادېمىكلەر، تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار ۋە دىنى ئۆلىمالار بىلەن يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. يىغىن 23-ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئىستانبۇلدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا داۋام قىلماقتا ئىكەن.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق ھېس-تۇيغۇنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلاردىن ياخشى پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.