ۋاشىنگتوندا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقى خاتىرىلىنىپ داغدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2018.02.05

5-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ھەرقايسى شتاتلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن داغدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر نەق مەيداندا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. نامايىشچىلار قوشۇنى قوللىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈشۈپ، بىرلىكتە شوئار توۋلاپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىن ۋاشىنگتون شەھەر مەركىزىدىكى دۇپونت ئايلانمىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
بۇنىڭدىن 21 يىل ئىلگىرى، يەنى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى دىنىي بېسىمنى ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلىپ تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇ كۈنى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان نامايىشچى ياشلارغا ئوق چىقارغان ھەمدە يۈزلىگەن كىشىنى قولغا ئالغان ئىدى. شۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆپلىگەن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئىشلارغا دائىر ھېچقانداق تەپسىلاتنى ئاشكارىلىغىنى يوق. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەر يىلى بۇ كۈننى قايغۇ ۋە غەزەپ ئىچىدە خاتىرىلەشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
بۈگۈنمۇ ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە ۋە مارىيلاند شتاتلىرى شۇنىڭدەك قوشنا شتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى جەۋلان قىلدۇرغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى. چۈشتىن كېيىنكى نامايىش ئالدى بىلەن ھەردائىمقىدەك «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن سۆز ئېلىپ بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە قىسقىچە سۆز قىلدى.
ئارقىدىن بۈگۈنكى نامايىشقا كەلگەنلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى بۈگۈنكى نامايىشنىڭ سەۋەبى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا سەپ بولۇپ يىغىلىپ، قوللىرىدىكى كۆك بايراقلارنى لەپىلدەتكەن ھالدا «يوقالسۇن خىتاي!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!» دېگەندەك جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلىدى. پۈتۈن مەيداننى لەرزىگە كەلتۈرگەن شوئار ئاۋازلىرى يىراق-يىراقلارغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
نامايىش ئارىلىقىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى نامايىشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رابىيە قادىر خانىممۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھازىر چەتئەللىكلەرنىمۇ ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە يامانلىشىپ كېتىۋاتقان بىر ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ خادىمى زۇبەيرە خانىممۇ ئۆز تەسىراتىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بايان قىلدى.
بىر سائەتلىك قاتتىق شوئار توۋلاشتىن كېيىن نامايىش ئىشتىراكچىلىرى سەپ بولۇپ، شوئار توۋلىغاچ ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىدىن بولغان دۇپونت ئايلانمىسىغا يۈرۈش قىلدى. نامايىشچىلارنى قوغدىغاچ تەرتىپ ساقلاپ ماڭغان موتوتسكىلىت ۋە ماشىنىلاردىكى ساقچىلار نامايىشنىڭ ھەيۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئىدى.