بۇلغارىيە سوت مەھكىمىسى 5 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى ھۆكۈم قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.01.30
bulghariye-5-uyghur.jpg بۇلغارىيە سوت مەھكىمىسى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان 5 نەپەر ئۇيغۇر. 2019-يىلى يانۋار.
RFA/Erkin Tarim

2017-يىلى 7-ئايدا 5 نەپەر ئۇيغۇر، تۈركىيە چېگراسىدىن بۇلغارىيەگە قانۇنسىز كىردى دەپ بۇلغارىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن سولاپ قويۇلغان ئىدى.

مەزكۇر ئۇيغۇرلار نەچچە قېتىم خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تىرىشچانلىقى، ياۋروپادىكى ئادۋوكاتلار ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى ئورگانلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇلغارىيە سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇلغارىيەگە كېلىپ 5 نەپەر ئۇيغۇردىن ھال سورىغان. ئۇچرىشىش جەريانىدا بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

باشتىن-ئاخىرى 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىشى ئۈچۈن يول ماڭغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇلارنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىشىغىچە بولغان 18 ئايلىق جەريان توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 18 ئايدىن بۇيان 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قۇتۇلۇپ قېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇلغارىيەدىكى خادىملىرى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارغا رەھمەت ئېيتىش، شۇنداقلا 5 نەپەر ئۇيغۇردىن ھال سوراش ئۈچۈن بۇلغارىيەگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

24-يانۋار كۈنى بۇلغارىيە سوت مەھكىمىسى 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى تۈگىدىمۇ؟ دولقۇن ئەيسا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭ قالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز 18 ئايدىن بۇيان بۇلغارىيەنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە 24-يانۋار كۈنى قويۇپ بېرىلگەن 5 ئۇيغۇر ياش بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

مۇھەممەتئىمىن ئابلىكىم ئەپەندى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن خۇشال ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە، ب د ت خادىملىرىغا ۋە ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئادىل ئابدۇللا ئەپەندى 2017-يىلى 7-ئايدا تۈركىيەدىن بۇلغارىيەگە كىرگەندە ئۆزىنىڭ قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتتى دەپ ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ھامان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇھەممەت سادىق 2013-يىلى خوتەندىن ئايرىلىپ 2014-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن ۋە تۈركىيەدە خىزمەت تاپالماي زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولغان. 2017-يىلى 7-ئايدا قانۇنسىز يول بىلەن ياۋروپاغا بېرىش ئۈچۈن بۇلغارىيەگە كىرگەندە تۇتۇلۇپ قېلىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ 18 ئايدا نازارەتخانىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا تاسلا قالغانلىقىنى، ياۋروپاغا بېرىشنى خالايدىغانلارنىڭ قانۇنسىز يوللارنى تاللىماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئوقۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ئۆمەر مۇھەممەتجاننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئۇلارنى ئىزدەپ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئادەم كەلگەن، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى سوتقا بېيجىڭدىن ئىككى ئۇيغۇر ساقچى تەرجىمان بولۇپ كەلگەن. بۇنى كۆرگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن. ئۆمەر مۇھەممەتجان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئاشۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئېلى نۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەدىكى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياۋروپاغا كېتىش كويىدا. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن كوچا خەۋەرلىرى تارقالماقتا. ئېلى نۇرمەمەت ئەپەندى ياۋروپاغا كېتىشنى ئويلاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل كوچا خەۋەرلىرىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.