ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سېناتور ماركو رۇبىيو «فوكۇس» خەۋەرلەر قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا. 2018-يىلى، 23-ئاۋغۇست. ئامېرىكا.
سېناتور ماركو رۇبىيو «فوكۇس» خەۋەرلەر قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا. 2018-يىلى، 23-ئاۋغۇست. ئامېرىكا.
foxnews.com

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ 17 نەپەر ئەزاسى 28‏-ئاۋغۇست ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن مىنۇچىنغا مەكتۇپ يېزىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشتا رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنى جازالىشىنى تەلەپ قىلغان. مەكتۇپتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە شىركەتلىرىگە ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇش، مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ۋە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئوبوروتىدا ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى قوللىنىشىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان «كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» نى ھەل قىلىشقا چاقىرغان.

مەكتۇپتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشقا، تەن جازاسىغا ئۇچراشقا، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتى يوق قىلىنىشقا، دىجىتال نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئېغىر تەقىپكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى، يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە كۆلىمىنى نەزەردە تۇتۇپ، سىلەرنى ش ئۇ ئا ر نىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىسىنىڭ بۇ سىياسەتكە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ‹يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى› ۋە باشقا قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشقا چاقىرىمىز.» 

مەكتۇپتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىپ، شەخسلەرنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلماقتىكەن. مەكتۇپتا يەنە مۇتەخەسسىسلەر ۋە بەزى ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنىڭ «ھەقىقەتەن نەپەس بوغۇلغۇدەك» دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر مىليوندەك ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ «قايتا-تەربىيە» مەركەزلىرىگە ياكى لاگېرلارغا قامىلىشىغا قارىتا «قاتتىق، نىشانلىق ۋە خەلقئارالىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقى»، «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئىشتىراك قىلىپ، پايدىغا ئېرىشىۋاتقان ھەرقانداق بىر خىتاي ئەمەلدارى ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلمەسلىكى ۋە ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن پايدىلانماسلىقى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن. 

لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى «ماگنېتسكىي قانۇنى» بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىكەن. ئامېرىكىدىكى «2049 ‏-قۇرۇلۇشى» ناملىق ئەقىل ئامبىرىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى رېيچىل بۇرتون مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باش ئەلچى نىككى ھېيلىي ۋە كەلىي كۇرىي قاتارلىقلار ئارقىلىق ب د ت دا دەلىل توپلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاپ باستۇرۇۋاتقانلىقى توغرىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ‹يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى› ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغانلارغا قارىتا نىشانلىق ئېمبارگو قويىدىغان بىر خىل چارە. مەن دۆلەت مەجلىسىنىڭ چېن چۈەنگونى ئۇنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىدىكى رولى سەۋەبلىك جازالاش تەكلىپى ئورۇنلۇق بولدى دەپ قارايمەن.» 

رېيچىل بۇرتوننىڭ قەيت قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى يەنە ب د ت دا بېرمادىكى قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرغاندەك بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئېمبارگو تىزىملىكىنىڭ بېشىغا شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك تەقىبلەش ۋە ساقچى دۆلىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنى، خىتاي شىركەتلىرىنى ۋە چەتئەل كارخانىلىرىنى تىزىش كېرەك. شۇنداقلا مەن يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى ب د ت نىڭ بېرمادىكىگە ئوخشاش دەلىل توپلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا چاقىرىمەن.» 

مەكتۇپتا چېن چۈەنگودىن باشقا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا رولى بار دەپ قارالغان 7 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى 9‏-ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى خۇ ليەنخې، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى سۈن جىنلوڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، بىڭتۇەننىڭ قوماندانى پېڭ جيارۇي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەكتۇپتىكى تەلەپلەرنى ئىجرا قىلىش-قىلماسلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارلو كروس دۇرانت پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن يازما باياناتىدا بۇنىڭغا ئالدىنئالا ئىپادە بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ باياناتىدا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتىمىز. ئىشەنچلىك خەۋەرلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017‏-يىلى 4‏-ئايدىن باشلاپ ئاز دېگەندە يۈز مىڭلىغان، ھەتتا مىليونلىغان كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە يوللىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا،» دېگەن. 

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پرېزىدېنتى، ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ-تەلەپلىرىنى ئىجرا قىلىش-قىلماسلىق يەنىلا پرېزىدېنتنىڭ قارارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۇرىي تۈركەل مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئىجرائاتىغا كەلسەك ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ئىشنىڭ ئىجرائاتىغا قارايدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى بولسۇن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسۇن ياكى ئاق ساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى بولسۇن، بۇلار بۇنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرىنى تارازىغا سېلىپ تۇرۇپ قارار بېرىدۇ. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلارنى باشقۇرىدىغان ئورگان ئەمەس، ئۇ قانۇن تۈزۈش ئورگىنى. قانۇن تۈزۈش ئورگىنىنىڭ چىقارغان قانۇنى، تەلەپ ۋە تەكلىپلىرى پرېزىدېنتنىڭ كابىنېتى تەرىپىدىن بۇنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ ئىش بېجىرىلىدۇ.» 

لېكىن نۇرىي تۈركەلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ مەكتۇپنىڭ ئۆزى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا زور ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەكتۇپنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمەن. بىرىنچى ئەھمىيىتى خىتايدىكى زۇلۇم سېلىۋاتقان ئەمەلدارلار بولسۇن، ئىستىبدات دۆلەتلەردىكى ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئەمەلدارلارغا بولسۇن بۇ بىر تىزگىنلەش، ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئىككىنچى ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيىنىڭ ئورتاق ئاۋازى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى ياكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پارتىيە ئايرىمايدىغان ئورتاق پرىنسىپنى ئاساس قىلغان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ مەكتۇپنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى، ئاگاھلاندۇرۇش ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئورتاق مەسىلىگە ئايلانغانلىقى جەھەتلەردىن تارىخىي ئەھمىيىتى بار.» 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ مەكتۇبىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىجىتال تەقىبلەش سىستېمىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقان ئىككى تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. مەكتۇپتا داخۇا ۋە خەيكاڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشلاردىن زور پايدىغا ئېرىشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىر مىليارد 200 مىليون دوللارلىق قۇرۇلۇش توختامىغا ئېرىشكەنلىكى تەكىتلەنگەن. مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا «بىز نىشانلىق ئېمبارگونىڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولسا قوشۇمچە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ،» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت