ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر - تىبەت بىرلەشمە نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
2016.09.30
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان مۇھاجىرلار ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى ئۇيغۇرلار دىيارى، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەر يىلى «1 - ئۆكتەبىر» نىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ كۈندە ھەر خىل شەكىللەردىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزىپىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىۋاستە ئورونلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا 30 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئۆتكەن يىللاردىكىدىن پەرقلىق بولغان بىر يېرى شۇنىڭدىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى زۇلۇملىرىغا ئوخشاش دەرىجىدە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇھاجىر توپلۇقلىرى ئەستايىدىل مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۇ يىلقى نامايىشنى بىرلەشمە نامايىش شەكلىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا كېلىشكەن ئىكەن.
بۈگۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدى قاينام تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ قوللىرىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار، شۇنىڭدەك تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ بايراقلىرى ھەمدە ئالاقىدار لوزۇنكىلارغا جۆر بولغاچ كۆكنى تىترەتكەن شوئار سادالىرى ئاجايىپ ھاياجانلىق مەنزىرە ھاسىل قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتقاندا بۈگۈنكى نامايىشنىڭ تولىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نامايىشقا ئىشتىراك قىلغانلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن زۇبەيرە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئېزىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ،بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشتا ھېس قىلغانلىرىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر، شۇنداقلا موڭغۇللارنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەردە ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭچە مۇشۇ خىلدىكى ھەمكارلىق پائالىيەتلىرى قانچە كۆپ بولسا، ئۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بېرىدىغان زەربىسىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى.
نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن پەرھات ئۆزىنىڭ ھۆر دۇنيادىكى مۇشۇنداق بىر نامايىشقا قاتنىشالىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
شوئار توۋلاش تامام بولغاندىن كېيىن نامايىش ئىشتىراكچىلىرى سەپ بولۇپ تىزىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن دۇپونت ئايلانمىسىغا يۈرۈش قىلدى.