تۈركىيەدە ئانىلار كۈنىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئاتاپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.05.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
istanbulda-anilar-kuni-305 2008 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 5 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩﺧﭙﯩﮕﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ.
RFA Photo

بۇ يىل تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ قەيسەرى شۆبىسىنىڭ ئاياللار كومىتېتى ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئاتاپ مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

پارتىيە رەھبەرلىرىدىن سەۋىم قوچيىگىت خانىم بىلەن نۇرخان ساغلام خانىم گۈل ۋە سوۋغاتلارنى ئېلىپ قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىگە بېرىپ ئۇيغۇر ئانىلىرىدىن ھال سورىدى، شۇنداقلا تۈرك خانىم قىزلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېيىن 10-ماي كۈنى ئەرجىيەس تېغى ئېتىكىدىكى بىر كاتتا رېستوراندا ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئاتاپ مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئاياللىرىدىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتتە ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋىلايەتلىك ئاياللار كومىتېتى مەسئۇلى نۇرخان ساغلام خانىم بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز ئانىلار كۈنىنى ھەر يىلى ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۆتكۈزۈۋاتاتتۇق. بۇ يىل قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ يىلقى ئانىلار كۈنىنى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزەيلى دېدۇق. بىز بىر مەزگىل شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تازا كۆڭۈل بۆلەلمەي قالغان ئىدۇق. سىزگىمۇ مەلۇم پارتىيىمىز بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بىر پارتىيە. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملىق ھالدا قوللاشقا داۋام قىلىمىز. يىغىندىمۇ دەپ ئۆتتۈم، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز. ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ كۆز يېشى تۆكمەسلىكى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.»

بىز ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ۋاكالىتەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان زاھىدە قاھرامان خانىم بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ سۆزىدە قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە 150 ئەتراپىدا ئايال قاتناشقانلىقىنى دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىگە ۋاكالىتەن رابىيە ئىلتۈرك خانىم باشچىلىقىدا 15 ئۇيغۇر ئايالنىڭ قاتناشقانلىقىنى، تۈرك ئاياللارغا كۆكبايراق ژۇرنىلى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت