جەنۇبىي ئاۋسترالىيىدە 500 كىشىلىك چوڭ كۆلەملىك قارشىلىق نامايىشى ئىلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

نامايىش ئەتىگەن سائەت 11.30 دا باشلانغان بولۇپ، نامايىشىغا قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇرلارغا «ئەركىنلىك، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، تېررورچى خىتاي، شى جىڭپىڭ تېررورچى» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى ھەم تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتتى.

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى، جەمئىيەت كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندى نەق مەيداندا شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقلاردىن خەۋەر بېرىپ يەكەنتىكى قىرغىنچىلىقتا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ھازىرمۇ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ھەم خەلقنىڭ قاتتىق قامالدا ئىكەنلىكىنى، دۇنيا تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. يەنە باشقا ۋەكىللەر سۆز قىلىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەت ئىلىپ بېرىشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قانلىق باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. يولدىن ئۆتكەن ئاۋسترالىيە خەلقلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ نامايىشچىلارغا مەدەتلەر بەردى.

بۇ نامايىشقا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، قارشى پارتىيە ۋەكىللىرى، ئادىلايدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى قاتناشتى ھەم شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقلار ھەققىدە سۆز قىلدى.

پائالىيەتكە قاتناشقان پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىغا باشتىن - ئاخىرى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مايكىل ئەتكىنسن ئەپەندى نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.