كلايىۋ خامىلتون: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەنى قورچاققا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا!» (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كلايىۋ خامىلتوننىڭ «تىمتاس ئىستىلا» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسى.
كلايىۋ خامىلتوننىڭ «تىمتاس ئىستىلا» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسى.
Photo: RFA

«دۇنيانىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك ئامبىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كۈچلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ تەدرىجىي ئاخبارات دۇنياسىنىڭ قىزىق تېمىلىرىدىن بولۇشقا باشلىدى. شۇ قاتاردا ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسى ھەمدە بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە يىللاردىن بۇيان ئوخشاش بولمىغان يازمىلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاۋسترالىيەگە زور ساندا كۆچمەن بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ئاۋسترالىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئۆز تەسىرىنى تېزدىن كېڭەيتىشىنىڭ ئاۋسترالىيە ئۈچۈن بىر زور خەتەردىن بېشارەت بېرىۋاتقانلىقى بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇزاقتىن بېرى ئويلىنىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى ئاۋسترالىيەدىكى چارلېس ستارت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «تىمتاس ئىستىلا» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى كلايىۋ خامىلتوندۇر.

پروفېسسور خامىلتوننىڭ ئەسىرى ئەسلىدە ئۆتكەن يىلىلا نەشرگە تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ نەشرىيات سودىگەرلىرى بۇ كىتابتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قامچىلانغانلىقىنى ھەمدە شۇ سەۋەبلىك خىتاي بىلەن «ئاداۋەتلىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى» نى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ كىتابنى نەشر قىلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىتابنى نەشر قىلغان نەشرىياتنىڭ «ئەدىپىنى بېرىدىغانلىقى» ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرمۇ تارقالغان. ئەمما بۇ ئامىللار يەنە بىر ياقتىن تېخىمۇ كۆپ ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ بۇ كىتابقا بولغان قىزىقىشىغا سەۋەب بولغان.

2018-يىلى مارتتا نەشر قىلىنغان بۇ ئەسەردە ئاپتور نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ھەممىلا ساھەدە، جۈملىدىن سىياسەت، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىقتىساد قاتارلىقلاردا ئۆز تەسىرىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ھال مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىۋەرسە يېقىن كەلگۈسىدە ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاينىڭ قورچاق دۆلىتىگە ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلغان. بىز بۇ ھەقتىكى سۆھبەت ئارزۇيىمىزنى ئاپتورغا يەتكۈزگىنىمىزدە ئۇ بۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى ھەمدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئاپتورنىڭ كىتابتا بايان قىلىشىغا قارىغاندا، مەزكۇر ئەسەرنى يېزىش ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرىلا باشلانغان ئىكەن. 2008-يىلى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسىدا ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ بىر نۇقتىسى ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختى كانبېررا شەھىرىگە تەسىس قىلىنغان. شۇ كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشئەل يەتكۈزۈش مۇراسىمغا قوللىرىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلارنى كۆتۈرۈۋالغان مىڭلىغان خىتايلارنىڭ توپلىنىشى، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدە بولسا ئازغىنە تىبەتلىكلەرنىڭ تىبەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى ئاپتورغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن مىڭلىغان خىتاي نامايىشچىلار سەلدەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ تىبەتلەرنى يەۋېتىدىغاندەك ۋەھشىيلىك بىلەن ئۇلارنى ئورىۋالغان ھەمدە ئۇلارنى ئۇرۇپ-تېپىپ قوغلىغانچە «سەنلەرنىڭ بۇ جايدا تۇرۇش ھەققىڭ يوق!» پوپوزا قىلغان. خىتايلارنىڭ بۇ قەدەر ياۋۇزلۇقى ھەمدە ئاۋسترالىيەدىكى دېموكراتىك مۇھىتنىڭ سىمۋولى بولغان پارلامېنتىنىڭ بوسۇغىسىدا بۇ قەدەر ئۆكتەملىك قىلىشى ئاپتورنىڭ كاللىسىدا «بۇنچە كۆپ خىتايلار نەدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر غالجىرلىشىپ كەتكەن؟ ئۇلارغا بۇنچە قاپ يۈرەكلىك نەدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟» دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارنى پەيدا قىلغان.

ئاۋسترالىيەدىكى ئىران پۇشتىدىن بولغان تۇنجى پارلامېنت ئەزاسى سام دەستىيارىنىڭ 2016-يىلى سىياسىي پارتىيەلەرگە خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ غايەت زور مىقداردا مەبلەغ ھەدىيە قىلىش سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىشىدىن كېيىن، خىتاينىڭ قەدەم-باسقۇچلۇق ھالدا ئاۋسترالىيەدە ئۆز تەسىرىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئاشكارا بولغان. ئاپتورمۇ ئۆزىنى قىيناپ كېلىۋاتقان بىر قاتار سوئاللارنىڭ بەزىلىرىگە جاۋاب تاپقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە سىڭىپ كىرىۋاتقان تەسىرىنىڭ ئادەتتىكى تەسىر قىلىش دائىرىسىدە ئەمەس، بەلكى باشقىچە شەكىلدە زورىيىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئاپتور ئۆزىنىڭ كۆزىتىشلىرىگە ئاساسەن بۇ خىل كېڭىيىشنى «ئىستىلا قىلىش» دەپ خۇلاسىلىگەن. شۇنداقلا بۇ ئاتالغۇنى ئۆز ئەسىرىگە ئىشلەتكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇنى سورىغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى بولدى. مەن بۇ ئەسەردە ئاساسلىق قىلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ‹ئىستىلا› ھەرىكىتىنىڭ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش شەكلىدە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدىم. ئۇلار بۇ جەھەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇئەسسەسىلىرىنىڭ ھەممىلا قاتلىمىغا سىڭىپ كىرمەكتە. شۇڭا مەن كىتابىمنىڭ ماۋزۇسىغا ‹ستىلا› دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىم. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشنىمۇ كۆزلىدىم. چۈنكى خىتاينىڭ بۇ ئىستىلا ھەرىكىتى تولىمۇ مەخپىي يوسۇندا، كۆرۈنمەس رەۋىشتە ئىجرا بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن بەزىلەر بۇ خىل سىڭىپ كىرىشنى بۇ قەدەر رەزىل قىياپەتتە تەسۋىرلەشكە نېمە ھاجەت، دەپ سورىشى مۇمكىن. يەنە بەزى ئاۋسترالىيەلىكلەر ‹ئەمىسە ئامېرىكىلىقلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى كېڭىيىۋاتقان تەسىرىچۇ؟› دېيىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەسىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوچۇق-ئاشكارا يوسۇندا بولۇۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشى تولىمۇ مەخپىي ۋە بىلىنمىگەن دەرىجىدە ئىجرا بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەن كۆپ ئويلىنىپ كىتابىمغا ‹تىمتاس ئىستىلا› دەپ ماۋزۇ قويدۇم.»

ئاپتورنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاۋسترالىيەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورچاق دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ نىشانى قىلماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز ئەسىرىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋ ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا «ئاۋسترالىيەنى يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېگەن. 2005-يىلى ئاۋسترالىيەگە خىزمەت زىيارىتىگە كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇ ۋېنجوڭمۇ كانبېررادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئوخشاش مەزمۇندا سۆز قىلغان. بولۇپمۇ ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى دۇنياغا ئوچۇق ئىكەنلىكى، نوپۇسىنىڭ ئازلىقى، ئۇ جايدىكى كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت مۇھىتى ھەمدە غايەت زور ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىل ئىستراتېگىيەسىگە داغدام يول ئېچىپ بەرگەن ئىكەن.

ئۇ بۇ جەرياندا ھېس قىلغان بىر مۇھىم نۇقتا خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەگە سىڭىپ كىرىش بىلەنلا قالماستىن يەنە ئاۋسترالىيەنى «خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش» ئۇرۇنۇشىنىڭ ئاشكارا ھالدا خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە يەر ئېلىشى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «دەرۋەقە، مەن كىتابىمنىڭ 1-بابىنى ‹ئاۋسترالىيەنى قىزىلغا بوياش› دەپ ئاتىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ سۆز ‹خەلق گېزىتى› نىڭ شۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىشلىتىلگەن. چۈنكى شۇ ۋاقىتتا سىدنېي ئوپېرا زالى خىتاينىڭ قىزىل رەڭلىك بايرىقى بىلەن لىق تولغان. شۇ ۋاقىتتا سىدنېيدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنى بېيجىڭ بىر قوللۇق كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ‹بىرلىكسەپ بۆلۈمى› ئاللىقاچان بۇنىڭغا ماقۇل كەلتۈرۈپ بولغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ‹خەلق گېزىتى› بۇ ھالنى ‹خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى تەسىرىنىڭ سىمۋولى› دەپ بايان قىلغان. مەنمۇ شۇ چاغلاردا بۇ پەقەت بىر سىمۋول خاراكتېرلىك ھادىسە، سىدنېي ئوپېرا زالىنى قىزىل رەڭدە بويىۋېتىشكە رۇخسەت بەرگەن ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە سىياسىيونلار باشقىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز بۇرۇنلىرىدىن يېتىلەپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالغان، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما كېيىنچە بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات سۇيىقەستلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوقلۇقى ئاشكارا بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن سىدنېي ئوپېرا زالىنى قىزىلغا بوياشتەك بۇ ھادىسىنىڭ نۆۋەتتە بىز ئاۋسترالىيەدە دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنى قالتىس سىمۋوللۇق ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.»

ئاپتورنىڭ بىۋاسىتە ئىزدىنىشى، كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان ئەمىلى پاكىتلار ھەمدە كەلگۈسى ھەققىدىكى قورقۇنچلۇق بېشارەتلەر نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئاۋسترالىيەنى قانداق قىلىپ خىتاينىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان بىر ھالغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھېچكىمدىن ھېيىقماستىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا سۈنئىي ئاراللارنى بەرپا قىلىشى ئاپتورغا «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ يوسۇندا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىۋەرسە ئۇزۇنغا بارمىغان كەلگۈسىدە ئاۋسترالىيە ئۆز مۇستەقىللىقىدىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ،» دېگەن بىر قورقۇنچلۇق بېشارەتنى ئىشارە قىلغان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خۇددى باياتىن بىز مۇھاكىمە قىلغاندەك بېيجىڭنىڭ نىشانى ئاۋسترالىيەنى بويسۇندۇرۇش، شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، سودا، ئالىي مەكتەپ، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلىرىگە تەكشى سىڭىپ كىرىش شۇنىڭدەك بۇ ساھەلەردە خىتاينىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلىرىگە قارشى ھېچقانداق سەلبىي ياكى تەنقىدىي پىكىرنىڭ بولۇشىغا يول قويماسلىق. ئەگەر خىتاي مۇشۇ يوسۇندا ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىۋېرىدىغان بولسا بۇ ئاقىۋەتتە بېرىپ ئاۋسترالىيەنى قورچاق دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەت خۇددى ھازىرقىدەك خىتاينىڭ نېمە قىلىشى بىلەن كارى يوق ھالەتنى داۋام ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن، خىتاينىڭ ھازىر جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا قارايدىغان بولساق، ئاۋسترالىيە بېيجىڭنىڭ دېگىنىنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ھادىسىلەر يەنە بىزنىڭ سودا قاتلىمىمىزدا ۋە سىياسىي سەھنىلىرىمىزدە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بېيجىڭ ھازىر بىزنىڭ ئاساسلىق سىياسىي پارتىيەلىرىمىزگە، بولۇپمۇ ئەمگەك پارتىيەسىگە غايەت زور دەرىجىدە ئۆز تەسىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. مانا بۇلار دەل مەن مۇشۇ ئەسەردە كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنغان مەسىلىلەردۇر.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل رەۋىشتە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشلىرى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ ئاۋسترالىيە سىياسىيونلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ۋە مۇھاكىمىلەر قىزغىن داۋام قىلماقتا ئىكەن.

«تىمتاس ئىستىلا» ناملىق بۇ ئەسەر ھەققىدىكى بايانلارنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت