دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى شىمالىي ئامېرىكا شۆبىسى كانادادا ئىش باشلىۋەتتى
2013.05.30
يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى شىمالىي ئامېرىكا شۆبىسى بىلەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە كانادانىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك مەدەنىيەت فېستىۋالىغا قاتناشتى.
فېستىۋالنى كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئانادولۇ تۈرك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەر مەركىزى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ مەركەزدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ فېستىۋال بۇ مەركەز ئېلىپ بارغان تۇنجى مەدەنىيەت فېستىۋالى ئىكەن.
تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك تۈرك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەر فېستىۋالىغا تەكلىپ قىلىنغان كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، فېستىۋالدا تەقلىد قىلىنغان قەشقەر يەكشەنبە بازىرى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تاماق تۈرلىرىدىن پولۇ، سامسا، چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى، ئۇيغۇر تونۇر نېنى، قورۇما كاۋاپ قاتارلىقلارنى يەرمەنكە قىلىپ ساتتى.
ئۇيغۇر ۋە ئىنگلىز يېزىقىدا يېزىلغان قەشقەر يەكشەنبە بازىرى دېگەن لوزۇنكا ۋە لوزۇنكىغا چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى شۇنىڭدەك شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى فېستىۋال ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزىقىش نۇقتىسى شۇنداقلا سوئال نۇقتىسىغا ئايلاندى.
دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى بۇ يىل ئاپرېلدا فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە چاقىرىلغان 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى جەريانىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 11 دۆلەتتىن كەلگەن 63 نەپەر ئۇيغۇر خانىم قىزلار ۋەكىللىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشى نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.