كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى دېموكراتىيىگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 21-يانۋار كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا نەچچە يۈز مىڭلىغان خەلق ئالدىدا قەسەم بېرىپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.22
Obama-060308-305 پرېزىدېنت باراك ئوباما سايلام جەريانىدا خانىمى بىلەن.
AFP

بۇ 4 يىللىق يېڭى خىزمەت مۇددىتى جەريانىدا باراك ئوبامانى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە ئالاقىدار كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن خىزمەتلەر بار. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قوللاشنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى باراك ئوبامانىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتىنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھەم شۇنداقلا ئاخىرقى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە رەسمىي باشلىغان بولدى. ئۇ يەكشەنبە كۈنى ئاقسارايدا، دۈشەنبە كۈنى بولسا ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلغان ئالاھازەل 800 مىڭ كىشى ئالدىدا قەسەم ئىچىپ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئەلۋەتتە ئامېرىكا خەلقىنىڭ باراك ئوبامادىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى زور بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا ۋە دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سالامەتلىك سۇغۇرتىسى، ئىقتىساد، ئىشسىزلىق، ئېكولوگىيىدىكى ئۆزگىرىشكە ئوخشاش بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىنى كۈتمەكتە. ئوبامانىڭ بۇندىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ھازىر مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. كىشىلىك ھوقۇق بولسا ئوباما قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى قاتارىدا كۆرسىتىلدى.

بۇ ھەقتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا ئۆزىمۇ بىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئىگىسى بولغان باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىش كۆرۈشى، خەلقئارادا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈشكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى تەشكىلاتى باياناتىدا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ماددىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش. بۇ تەشكىلاتنىڭ قارىشىچە، گۇەنتانامو تۈرمىسى ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا پۈتۈنلەي قارشى بولۇپ، ئوباما دەرھال ئامېرىكىنىڭ ئېتىبارىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بۇ تۈرمىنى تاقىشى كېرەك. ئىككىنچىسى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قوغدىشى كېرەك. ئۇنىڭدا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل ئورگانلارغا، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا زەربە بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق بۇ كىشىلەر ۋە ئورگانلار بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىشى ۋە ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادا دىنىي ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش، كۆچمەنلەر ۋە ئىلتىجا قىلغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا دائىر سىياسەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتەك مەسىلىلەرمۇ ئوبامانىڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەلقئارادىكى يەنە بىر مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئوباماغا قىلغان چاقىرىقىدا ئوبامانى ئوخشاشلا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار ئامېرىكا دۇنيادا قوزغىغان «تېررورلۇققا قارشى خەلقئارا ئۇرۇش» نى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئۇقۇمنى زىددىيەتلىك، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي، ئىران، رۇسىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قوللاش ۋە قوغداشنى داۋام قىلىش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئەھۋالىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەۋسىيە قىلغان.

بۇ تەشكىلات ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئارىسىدا ئافغان ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇلار 2014-يىلى ئافغانىستاندىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش بىلەن بىرگە، ئۆز غۇرۇرى بىلەن ياشاشنى ئارزۇ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن جازالىنىشقا، قېيناشقا ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقان ئافغان ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ داۋاملىق كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى كېرەكلىكى، يەنى ئامېرىكىنىڭ ئافغان ئاياللىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى، سىياسەتكە قاتناشتۇرۇلۇشى، ئادالەت ۋە قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئوخشاش ئىشلارغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەر، بولۇپمۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئالاقىدار بىر قاتار مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ باياناتنىڭ ئاخىرىدا تەشكىلات شۇنداق دەپ ئەسكەرتكەن:
«ئەمدى كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنىڭ مەركىزى قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. بارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىملىرىگە ئەمەل قىلىش ئالدىنقى شەرتتۇر. ئوباما نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئالغاندا پۈتتۈرەلمىگەن ئىشلىرىنى ئىككىنچى ۋەزىپە مەزگىلىدە تۈگىتىشى كېرەك.

كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى تەشكىلاتى ئوباماغا قىلغان چاقىرىقىدىمۇ ئوبامانى ئەسكەرتىپ، كېلەچەكتىكى 4 يىل ئوباما ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى ياقىلاشتىن ئىبارەت لېدىرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت، بىز ئوبامانى بۇنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ ئىشلەشكە چاقىرىمىز» دېگەن.

ئوبامانىڭ تۈنۈگۈنكى مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتقىمۇ يۇقىرىدىكى چاقىرىقلارغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، پۈتۈن دۇنيادا دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ، ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.