ب د ت دە ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.03.13
dolqun-eysa-dbt-2015-2.jpg د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت يىغىنىدا
RFA/Erkin Tarim


ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 28 - نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

13 - مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن دائىمىي يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن پېتېر ئىۋېن ئەپەندى سۆز قلىپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاتقان. ئۇ نۇتقىدا خىتاينىڭ 2005 - يىلى كىرگەندىن كېيىنمۇ 2014 - يىلىدىكىگە ئوخشاشلا قاتتىق باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، 2014 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ دەھشەتلىك بىر تۈس ئالغانلىقىنى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون باش تەپتىشىنىڭ 2014 - يىلىدا 27 مىڭ 600 نەچچە كىشىنى قولغا ئېلىپ ۋەزىپىنى 2013 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 95% ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ئاڭلاتقان. ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 28 - نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنىدا قىلغان نۇتقىدا يەنە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ھۇقۇقىنى قولىدىن تارتىۋالغانلىقىنى، ئىلھام توختى قاتارلىق زىيالىيلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتىنى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

13 - مارت كۈنى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ھېيىنېر بېيلېفېلد ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەپ بەرگەن باياناتى ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتتى.

كېيىن خىتاي ھەيئىتى سۆز قىلىپ د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ بايانلىرىنى رەت قىلدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن پېتېر ئىۋېن ئەپەندىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتى ناھايىتى غەلىبىلىك ئۆتكەن بولۇپ، مۇخبىرىمىز تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.