ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي دېموكراتچىلىرى بىرلىكتە توكيودىكى ب د ت ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00


16 - سېنتەبىر 33 - نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل دېموكراتچىلىرى بىرلىكتە توكيودىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نامايىشقا يەنە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىسىم ياپونلارمۇ قاتناشقان.

جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 33 - نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن توكيودىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ بىرلەشمە نامايىشىنى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىش شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدا باشلاندى.

قوللىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇلارنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار جاراڭلىق ئاۋازدا «ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇلارغا ئەركىنلىك! نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو قويۇپ بېرىلسۇن!» دېگەن شۇئارلارنى توۋلاپ نامايىشنى باشلىدى.

نامايىشتا ئالدى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم نامايىشچىلار نامىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئەڭ زور خاتالىقلارنى سادىر قىلىۋاتقان خىتايدەك بىر دىكتاتور دۆلەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتىنىڭ پەقەتلا يوقلۇقىنى، شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاينى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىق سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر باياناتنامە ھەققىدە توختالدى.

نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن شاۋ لىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«خىتاي ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ نۆۋەتتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق باستۇرىۋاتىدۇ. خىتاي شىمالىي كورىيىگە ھەر جەھەتتىن كۆپلەپ ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ھەربىي سىناقلارنى ئېلىپ بېرىشىغا يېشىل چىراق يىقىپ بېرىۋاتقان بىر دۆلەت. شۇڭا بىز خىتاي دۆلىتىنىڭ يەنە قايتىدىن دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلىنىشىغا قارشى تۇرىمىز» دېدى.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شاۋ لىن سۆزىدە يەنە:«2004 - ۋە 2005 - يىللىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەقتە خىتاينى قاتتىق تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتىنىڭ پەقەتلا يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ناھايىتى توغرا قىلغان ئىدى» دېدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ توكيودىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىش سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيەدىكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى دايچىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«بىز خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرىگە سۈيىقەست ۋە تەھدىت قىلىشىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ھەممىمىز بۇ يەرگە جەم بولۇپ خىتاينىڭ ب د ت دىكى بۇ خىل سالاھىيىتىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى ھەققىدە نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دېدى.

نامايىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياپونلاردىن ساتو نامايىش ھەققىدە توختىلىپ:«توكيودىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سانى چەكلىك بولسىمۇ، بىراق نامايىشنىڭ تەسىرى زور بولدى» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ۋە شۇنداقلا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 13 - سېنتەبىر «جىددىي چاقىرىق» ئېلان قىلىپ 33 - نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن 16 - سېنتەبىر توكيودىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا تىبەت، موڭغۇل، خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.