بۇ يىل ئاپرېلدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا 4 چوڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
17-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تېلېفون يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىل 4-ئايدا بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا 4 چوڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.
17-فېۋرالدىكى تېلېفون يىغىنى نەق مەيدانىدىن ئالغان مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، 22-23-ئاپرېل كۈنلىرى تۇنجى نۆۋەتلىك د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ميۇنخېندا چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان بولۇپ، بۇ قارارنىڭ روھىغا بىنائەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بۇ يىل بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
4-ئاينىڭ 24-25-كۈنلىرى يەنە «3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» مۇ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىكەن. تۈركىيە ھاجېتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، تۇنجى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» 2017-يىلى 25-27-فېۋرال كۈنلىرى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە، ئىككىنچى نۆۋەتلىكى بولسا ئۆتكەن يىلىنىڭ 19-21-ماي كۈنلىرى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
د ئۇ ق نىڭ تېلېفون يىغىنىدىن ئاشكارا بولۇشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتىدىكەن. بۇ يىغىنغا ئۆتكەن يىلى 19-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ خادىملىرى ۋە باشقا يەنە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى قاتنىشىدىكەن. بۇ يىغىنغا يەنە تۇنجى نۆۋەتلىك د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا ۋە «3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.
د ئۇ ق بۇ يىل 23-يانۋار كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ چاقىرىقنىڭ روھىغا بىنائەن، مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار 27-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ نامايىشقا جىددىي ھازىرلىق قىلماقتا ئىكەن. د ئۇ ق بۇ نامايىش مۇناسىۋىتى بىلەن، ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 10 ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىلەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش تەييارلىق كومىتېتى» نى قۇرۇپ چىققان.
يۇقىرىقى 4 چوڭ پائالىيەتنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00