بېرلىندىكى تۈركلەر خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش قىلدى

0:00 / 0:00

19 - ئىيۇل گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى تۈرك جامائىتى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ باردى. ساپ تۈرك بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن 250 تىن ئارتۇق كىشى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىنى ئىككى سائەت لەرزىگە سالدى.

گېرمانىيەدە تۈركلەرنىڭ قېرىنداشلىق تۇيغۇسى ۋە ھېسداشلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان نامايىشلارغا قاتنىشىشى بەكلا نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان دەردلىرىگە چىدىيالماي ئۆز ئالدىغا ئايرىم نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولسا كېرەك.

بىز نەق مەيداندىن ئالغان ئۇچۇرىمىزغا ئاساسلانغاندا، سائەت 16.00 دىن 18:00 گىچە ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ نامايىشقا 250 ئەتراپىدا تۈرك قاتناشقان. ھەممىسىنىڭلا قولىدا تۈركىيە بايرىقى. گويا تۈركلەر ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقاندەك.

د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بېرلىندىكى بۇ نامايىش ھەققىدە بىزگە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

بېرلىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرسۇن تىلىۋالدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركلەرنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرگۈدەك كۆرۈنۈشلەر كۆزگە چېلىقىدىكەن. ئۇ يەنە، قېرىنداش تۈرك خەلقىنىڭ بۇ نامايىش ئۈچۈن ئەستايىدىل ۋە پۇختا تەييارلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن تۈرك جامائىتى ۋەكىللىرىدىن بەكرى يىلماز ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، كېلەر يىللىق رامزانغا قەدەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆر، مۇستەقىل بىر خەلققە ئايلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ھالىغا چىداپ تۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنىڭ بېرلىندىكى تۈركلەرنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈرك مىللىيەتچىلىرى بىرى سۆز ئېلىپ، قەھرىمان كۇرشاد ئەۋلادى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قولىدا قالمايدىغانلىقىنى، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇرلار تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەددىچىن سېپىلىدا ناماز ئوقۇش پۇرسەتلىرىنىڭ نېسىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى تۈرك جامائىتىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ياڭراتقانلىقىغا ئائىت مەلۇماتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.