بېرمۇدادىكى ئۇيغۇرلار:« تېرورچى ئەمەسلىكىمىزنى دۇنياغا كۆرسەتتۇق!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گۇانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۆت ئۇيغۇر مەھبۇس بېرمۇداغا يەرلەشتى. بېرمۇدانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئېۋارت بروۋن ۋە ئۇنىڭ مىنىستىرلىرى بۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2009-يىلى ئىيۇن، بېرمۇدا. سۈرەتتىكىلەر ئالدىنقى رەت ئوڭدىن سولغا: ئابلىكىم تۇراخۇن، ئېۋارت بروۋن، خېلىل مامۇت؛ 
ئارقا رەت ئوڭدىن سولغا: روشەن ئابباس (ئوڭدىن 3-)، ئابدۇللا ئابدۇقادىر (ئوڭدىن 4-)، سالاھىدىن ئابدۇلئەھەد (ئوڭدىن 7-)
گۇانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۆت ئۇيغۇر مەھبۇس بېرمۇداغا يەرلەشتى. بېرمۇدانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئېۋارت بروۋن ۋە ئۇنىڭ مىنىستىرلىرى بۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2009-يىلى ئىيۇن، بېرمۇدا. سۈرەتتىكىلەر ئالدىنقى رەت ئوڭدىن سولغا: ئابلىكىم تۇراخۇن، ئېۋارت بروۋن، خېلىل مامۇت؛ ئارقا رەت ئوڭدىن سولغا: روشەن ئابباس (ئوڭدىن 3-)، ئابدۇللا ئابدۇقادىر (ئوڭدىن 4-)، سالاھىدىن ئابدۇلئەھەد (ئوڭدىن 7-)
RFA

27-ئاۋغۇست كۈنى خېلىل مامۇت، ئابدۇللا ئابدۇقادىر، ئابلىكىم تۇراخۇن ۋە سالاھىدىن ئابدۇلئەھەد قاتارلىق تۆت ئۇيغۇر ئۈچۈن شاتلىققا تولغان بىر كۈن بولدى. چۈنكى بۇنى 2009-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى «دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن چىقىرىپ بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىغا يەرلەشتۈرگەندىن بۇيانقى دۆلەت تەۋەلىكى بولماسلىقتەك ھاياتلىق مۇساپىسىگە خاتىمە بېرىلگەنلىكنىڭ جاكارلىنىشى، دېيىشكىمۇ بولاتتى. بۇ خەۋەر تېزدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە خەۋەر قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ يادىدىن كۆتىرىلىپ قالغان ئاچچىق ھېكايىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى.

بىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن بېرمۇدادىكى سابىق گۇەنتانامو مەھبۇسلىرى بىلەن ئالاقىلاشقىنىمىزدا ئۇلار شۇ جايدا ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، خېلىلا چوڭ بىر جامائەت بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇلاردىن خېلىل بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، بېرمۇدادا تۇغۇلغان بۇ ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ قېرىنداشلارچە چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى خوشاللىق بىلەن سۆزلەپ بەردى.

ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بېرمۇداغا كەلگەندىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىش ھەققىدىكى ئېلتىماسىمىز بويىچە ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ياتسىراش ۋە كىشىلەرنىڭ گۇمانلىق قاراشلىرى ئىچىدە دادىللىق بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كەتكەنلىكىنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكسۆيەر بىر خەلقنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

خېلىل مامۇتنىڭ ئېيىتىشىچە، ئۇلار تېزلا يەرلىك مۇھىتقا ماسلىشىپ كېتىشكە تىرىشقان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە باشلىغان.

سۆھبەت جەريانىدا بىز «گۇەنتانامودىن چىققان» دېگەن قاباھەتلىك نام بىلەن بېرمۇداغا كېلىپ يەرلەشكەندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇرلارنى بىر قىسىم  كىشىلەرنىڭ يەنىلا «تېرورلۇق» بىلەن باغلاپ چۈشىنىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولغىنىنى سورىغىنىمىزدا  ئابدۇللا ئابدۇقادىر ئۆزلىرىنىڭ بېرمۇداغا كېلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ جايدا ئۇيغۇر داۋاسىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ بىر پۇرسىتى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكچانلىقى، ئاق كۆڭۈل تەبىئىتى ۋە ئاددىي-ساددا مىجەزى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ «تېرورچىلار» ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ زۇلمىغا ئۇچراۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇلارغا بېرمۇدا پاسپورتىنىڭ بېرىلىشى بولسا بۇ خىل چۈشىنىشنى يۇقۇرى پەللىگە چىقارغان. ئابدۇللامۇ سۆھبەت جەريانىدا بۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

سۆھبەت جەريانىدا ئابدۇللا ئۆزلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن ئىشلار قاتارىدا ئۆزلىرى قاتمۇ-قات بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقان شۇ يىللاردا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىزچىل تەسەللىي بېرىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى يورۇقلۇققا چىقىدىغانلىقىدىن ھېچقاچان ئۈمىدسىز بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇيغۇرلارنى بېرمۇداغا يەرلەشتۈرۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇلارغا كۆپ يىل تەرجىمانلىق قىلغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباس بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتتە بولغىنىمىزدا، ئۇ بۇنى سابىق ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئاخىرقى ھېساپتا ئۈزېل-كېسىل ئاقلىنىپ چىققانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنى ئاددىيلا پاسپورت ئېلىش دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم شەرمەندە بولۇشى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بېرمۇدادىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرى ئالدى-كەينى بولۇپ ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بىردەك بېرمۇدانى «ئىككىنچى ۋەتەن» دەپ قارىماقتا ئىكەن. شۇنداقلا ھازىرچە بۇ جايدىن باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىش پىلانىمۇ يوق ئىكەن. بىز ئاخىرىدا ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىق تىلەپ سۆھبىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت