ۋاشىنگتوندا 1985 - يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى
2015.12.20

بۇ يىل 1985 - يىلىدىكى 12 - دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە 30 يىل بولدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 19 - دېكابىر كەچ سائەت 18:00 دە ۋاشىڭتونغا قوشنا ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكس رايونىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 1985 - يىلىدىكى 12 - دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىنى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىللىدى. پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات رىياسەتچىلىك قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ 1985 - يىلىدىكى 12 - دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
رابىيە خانىم سۆزىدە يەنە ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىگە شۇنداقلا بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان بارلىق نامسىز شەخسلەرگە چوڭقۇر ئېھتىرامىنى بىلدۈردى.
پائالىيەت داۋامىدا 1985 - يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى تەشكىللەشتە مۇھىم رول ئوينىغان، ھازىر ئامېرىكا ۋە كانادادا ياشاۋاتقان 3 نەپەر شاھىت ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.
12 - دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان نۇرمۇھەممەت مۇساباي سۆز قىلىپ يىغىن قاتناشچىلىرىغا مەزكۇر ھەرىكەت ھەققىدە ئەسلىمە بەردى.
ئۇنىڭ بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى ئاپئاق قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا 10 نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ باراۋەرلىك، دېموكراتىيە ۋە مىللىي ھوقۇق يولىدا ئېلىپ بارغان ھەيۋەتلىك نامايىشى ھەققىدىكى بايانلىرى يىغىن قاتناشچىلىرىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالدى.
نۇرمۇھەممەت مۇساباي يەنە 12 - دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبلىرى، پۈتكۈل نامايىش جەريانى، نامايىشتا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئارقىدىن مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈردى.
مەمەت توختى يەنە 1985 - يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ مەيلى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا كوممۇنىزم لاگېرىدا بولسۇن ياكى كوممۇنىست خىتاي مىقياسىدا بولسۇن دېموكراتىيە يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ بالدۇرقى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئاخىرىدا 1985 - يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر تەشكىللىگۈچىسى، ھازىر كانادادا ياشۋاتقان تۇرسۇن نۇردۇن ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۈگۈنكى ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پائالىيەت داۋامىدا يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى 12 - دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشقا بىر قىسىم قاتناشچىلىرى، شاھىتلىرى ئارقا - ئارقىدىن سۆز قىلدى. ئۇلار، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا 1980 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جەڭگىۋار روھىنى يەتكۈزدى.
مەلۇمكى، 1985 - يىلىدىكى 12 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى زور، تەسىرى چوڭقۇر بولغان شۇنداقلا پۈتكۈل كوممۇنىزم لاگېرى ۋە خىتاي مىقياسىدىكى ئەڭ بالدۇرقى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ نامايىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۈرۈمچىدىكى بىرقانچىلىغان ئۇنىۋېرسىتەتلەرگە كېڭەيگەن. ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە دېموكراتىك سايلام ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەشنى توختىتىش، رايوندا يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى چەكلەش، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلگەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىكار قىلىش ھەمدە مىللىي مائارىپنى ھەقىقىي تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق 6 چوڭ تەلەپنى سۇنغان. دائىرىلەر ئاخىرىدا ئامالسىز ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. گەرچە 12 - دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر مىللىي ھوقۇق ھەرىكەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.