ئۇيغۇر قىزى دىلھايات تۈركىيە بويىچە ئىز قالدۇرغان 10 مۇۋاپپەقىيەتلىك ياش بولۇپ تاللاندى
2013.12.06
تۈركىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۈنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇن يېڭى ئىش پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن دىلھايات بارىشچى خانىم، 2013 - يىللىق تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك 10 ياش قاتارىغا كىردى.
10 ئوخشىمايدىغان ساھەدە ئەڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ياش بولۇپ سايلانغانلاردىن بۇلۇت ئەرساۋاش تىجارەت ۋە سانائەت ساھەسىدە، جەنك سىدار ئەپەندى سىياسەت، قانۇن ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ساھەسىدە، يۈسۈپ باران بىلىم ساھەسىدە، ماسىس ئارام گۆزبەك ئەپەندى كۈلتۈر ساھەسىدە، سەۋىنچ ئاتاي خانىم بولسا مۇھىتنى ئاسراش ساھەسىدە، ئۇيغۇر قىزى دىلھايات بارىشچى خانىم بولسا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقىنى، بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش، دۈنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇشتا ئەڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ياش بولۇپ باھالاندى. بۇلاردىن باشقا يەنە ئوخشىمايدىغان ساھەلەردە جان يىلدىزلى، مۇزەپپەر قوچەر، مۇرات چوكول ۋە ئۆزگۈر ئالاز ئەپەندىلەرمۇ تۈركىيەدە ئىز قالدۇرغان ئەڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ياش بولۇپ تاللاندى. بۇ ياشلار دۇنيادىكى ئون مۇۋاپپەقىيەتلىك ياشنى تاللاش كومىتېتى تەرىپىدىن تاللانغان بولۇپ، بۇلار 2014 - يىلىنىڭ بېشىدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان دۈنيادىكى ئەڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك 10 ياشنى تاللاش پائالىيىتىگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدىكەن.
ئۇيغۇر قىزى دىلھايات بارىشچى كىم؟
دىلھايات بارىشچى 1987 - يىلى ئۈرۈمچىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 7 ياش ۋاقتىدا ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئوقۇغاندىن كېيىن 2005 - يىلى تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئۈنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ئەنقەرە ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۈنىۋېرسىتېتىگە ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئۈنىۋېرسىتېتنىڭ 1 - يىللىقىدىكى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويغان بالىلارنى تەربىيەلەش ئىش پىلانى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئۇ تۈركىيەدىكى ئۈنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن 2005 - يىلى ياۋرۇپا ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ، ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۈنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياش لىدەرلەرنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۇرسقا قاتنىشىپ قىسقا مۇددەت پراكتىكا قىلغان. 2008 - يىلى ئەنگىلىيەدە ئوقۇش جەريانىدا چوڭ سايلامدا ۋەزىپە ئالغان. ئۇ، گوللاندىيە بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىنسان ھەقلىرى بويىچە پراكتىكا قىلغان. ئۇ ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى كەسپىدە ئەنگىلىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ماگىستىر ئوقۇغان. دىلھايات بارىشچى خانىم ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسىنى «ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدا ئازسانلىق مىللەتمۇ ياكى يەرلىك خەلقمۇ؟» تېمىسىدا تەييارلىغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىنى بۇ ھەقتىكى خەلقئارا قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ يازغان. تېخى ئەمدى 26 ياشقا كىرگەن دىلھاياتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرماقتا.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بىزگە ئىنسان ھوقۇقىنىڭ دۇنياۋىي ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى، بولۇپمۇ بالىلار ھوقۇقىغا قىزىقىپ قېلىشىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىنىڭ رولىنىڭ زور بولغانلىقىنى ئېيتتى.