دولقۇن ئەيسا «دۇنيا ئاز سانلىق مىللەتلىرى ھوقۇقلىرى كۇرسى»دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.07.20
dolqun-az-sanliqlar-munbiri دولقۇن ئەيسا ۋېنگرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشت شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئاز سانلىق مىللەتلىرى ھوقۇقلىرى كۇرسى»دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرمەكتە، 2018-يىلى 20-ئىيۇل
RFA/Ekrem

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا  ۋېنگريەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «دۇنيا ئاز سانلىق مىللەتلىرى ھوقۇقلىرى يازلىق كۇرسى»دا لېكسىيە سۆزلەپ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

«6 -نۆۋەتلىك دۇنيا ئاز سانلىق مىللەتلىرى يازلىق كۇرسى » دەپ ئاتالغان مەزكۇر كۇرس ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشىتتا 16- ئىيۇل باشلانغان بولۇپ، بۇ يازلىق كۇرسنى ۋېنگرىيەدىكى دۆلەتلىك خەلقئارا ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، توم لانتۇس ئىنستىتۇتى ۋە لوندون مىدىلسېكىس ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ كۇرس 21-ئىيۇلغىچە بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن. كۇرس پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەخسۇس بىر بۆلۈم ئاجرىتىلغان.

مەزكۇر كۇرسنى تەشكىللىگەن ئورۇننىڭ تور مەلۇماتىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ كۇرسقا دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا مۇتەخخەسىسلەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە يەرلىك خەلقلەر ھوقۇقى خىتابنامىسىدە  كۆرسىتىلگەن مىللىي، دىنىي، تىل جەھەتلەردىن ئاز سانلىقلار ھېسابلىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەم باشقا خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئوينايدىغان رولى قاتارلىق نۇقتىلاردىمۇ لېكسىيەلەر سۆزلىنىدىكەن.

«دۇنيا ئاز سانلىق مىللەتلىرى ھوقۇقلىرى كۇرسى»غا ئىلگىرى ئۇيغۇرلار قاتنىشىپ باقمىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە ۋە دوكلات بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان.

بۇداپېشتتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئالدى بىلەن بۇ بىر ھەپتىلىك كۇرسنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى توغرىسىدا بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

ۋېنگرىيە توم لانتوس ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئاننا خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي بېسىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

قىرغىزىستاندىن كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشقان پەرھات ئەپەندى يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ئاخىرقى بىرقانچە ھەپتىلەردىن بۇيان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە باشقىچە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە قۇرۇلتاي خادىملىرى بىلەن جىددىي كۆرۈشۈشلەردە بولىۋاتقانلىقىنى ھەمدە تۈرلۈك يىغىنلارغا تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى كۇرسقا كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن مۇھىم سىياسىي ئەربابلار ۋە ئىلىم ئادەملىرى قاتناشقان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز لېكسىيەسىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرى توغرىسىدا سۆزلەپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان.

د ئۇ ق رەئىسى بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە ۋېنگرىيە، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ب د ت نىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارىتا چارە تېپىش ئۈستىدە مۇزاكىرىلەردە بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.