د ئۇ ق رەئىسىنىڭ نورۋېگىيە زىيارىتى ئىجابىي باھالارغا ئېرىشتى
2018.09.28

23-سېنتەبىر كۈنى نورۋېگىيە زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نورۋېگىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرى مول مەزمۇنلۇق ۋە نەتىجىلىك بولغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 3 چوڭ شەھەردە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان كۆپلىگەن پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ئەپەندىمۇ د ئۇ ق رەئىسىنىڭ نورۋېگىيەگە كەلگەندىن بۇيان تىنىم تاپماي تۈرلۈك ساھەلەردىكى يىغىلىش ۋە ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىپ، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئىجابىي تەسىر قالدۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن پەرھات ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسىنىڭ نورۋېگىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دولقۇن ئەيسانىڭ نورۋېگىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا 11-ئايدا ب د ت ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن 6-نويابىر جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ تۈردە سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى ھەمدە د ئۇ ق تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» نىڭ تەشۋىقاتىنى نەتىجىلىك ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈن، يەنى 28-سېنتەبىر كۈنى نورۋېگىيەنىڭ سىتاۋانگېر شەھىرىدە يەنە بىر مەيدان پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ پائالىيەتكە سىتاۋانگېر شەھەرلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى، روگىلان شەھىرىدىكى بىر قىسىم پارتىيەلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سىتاۋانگېردا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، سىتاۋانگېردىكى مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ ئىماملىرى، چېركاۋلارنىڭ پوپلىرى، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، د ئۇ ق رەھبەرلىرى، گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنس، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان. پائالىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئاساسلىق سۆز تېمىسى بولغان.
گېرمانىيەدىن بېرىپ د ئۇ ق رەئىسىنىڭ زىيارىتىگە ھەمراھ بولۇۋاتقان جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى سۆزىدە د ئۇ ق ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ بۈگۈن سىتاۋانگېر شەھەرلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىر ھەپتىدىن بۇيان نورۋېگىيە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالغاندا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە كۆپلىگەن مەنىلىك پائالىيەتلەرگە داخىل بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.