د ئۇ ق ھەيئىتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام تەشۋىقات مۇراسىمىغا قاتناشتى

0:00 / 0:00


سايلام كۈنىدىن بۇرۇن دۆلەت رەئىسى نامزاتلىرىدىن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پروفېسسور دوكتور ئەكمەلىددىن ئىھسانئوغلۇ خەلقتىن راي تەلەپ قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چوڭ يىغىن چاقىرىپ دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانسا نېمەلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاتماقتا ۋە بىر - بىرىنى تەنقىد قىلماقتا.

باش مىنىستىر، دۆلەت رەئىسى نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئەنقەرە تىجارەت ئويۇشمىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسى دۆلەت رەئىسىنى سايلايدۇ» ماۋزۇلۇق سايلام تەشۋىقات پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەتمۇ تەكلىپ قىلىنغان. د ئۇ ق ھەيئىتى دۆلەت رەئىسى نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يەكەن ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئەزەرى، قافقازىيەلىكلەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۈركىي مىللەتلەردىن ۋەكىللەر ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 3000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىندا تۈركىيە باش مىنىستىرى، دۆلەت رەئىسى نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نۇتۇق سۆزلەپ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن كۆپ خىزمەت قىلغانلىقىنى، دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانسا تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مۇراسىم ئاخىرىدا ئۇ تۈركمەنلەرنىڭ مىللىي كىيىمىنى كېيىپ ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن رەسىمگە چۈشتى. بىز بۇ مۇراسىم توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.