دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 يىلدا بىر چاقىرىلىدىغان 5 - نۆۋەتلىكى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە چاقىرىلغان. قۇرۇلتايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىستېمىلىشىشى ئۈچۈن مالىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
رەئىسلىكىگە رابىيە قادىر خانىم قايتا سايلانغان قۇرۇلتايدا مالىيە جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، تەكلىپ - پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
15 دۆلەتتىن 130 ۋەكىل قاتناشقان 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ 4 يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى 4 يىل جەريانىدا دېموكراتىيەلىشىشكە، كەسپلىشىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىلىرىنى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ۋەكىللەرنى سايلاشتا كۆرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن نۇرمەمەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۆمەر قانات ئەپەندى دېموكراتىيە جەھەتتىن كۆپ ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى، بۇ قېتىم فىرانسىيەگە كەلگەن ۋەكىللەر، بەزى دۆلەتلەردە خەلقنىڭ راي بېرىشى بىلەن سايلىنىپ كەلگەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى تىكلەش ئۈچۈن بۇنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى 2012 - يىلىدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كەسپىيلەشكەنلىكىنى، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، مالىيە خىزمەتلىرى جەھەتتىمۇ كەسپىيلەشكەن خادىملارغا ئېھتىياجى بارلىقىنى، بۇ قېتىم بۇ ھەقتە قويۇلغان پىكىرلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن نۇرمەمەت ئەپەندى ئىقتىساد دېگەننىڭ بىر مىللەتنىڭ جان تومۇرىغا تاقىشىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىستېمىلاشقان ۋە سىجىللاشقان بىر مالىيە قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ، ئىئانە توپلاشنىڭ «ئادىل بولۇش، سادىق بولۇش، راستچىل بولۇش ۋە ئوچۇق بولۇش» تىن ئىبارەت 4 شەرتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
نۇرمەمەت ئەپەندى ئىئانە توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەسپىي خادىملارنى تەربىيەلەش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلق كۈتكەن سەۋىيىگە يېتەلمەسلىكىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ كەم بولۇشى ئىكەنلىكىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن يىغقان ئىئانە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات.