رەجەپ تاييپ ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭ ئۇچرىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدىمۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.05.14
shi-jinping-erdoghan-putin.jpg (ئالدىنقى رەت سولدىن ئوڭغا تۈركىيە، ۋىيېتنام، رۇسىيە ۋە خىتاي دۆلەت پرېزىدېنتلىرى) رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تران داي قۇاڭ، ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ قاتارلىقلار «خەلقئارالىق بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنى» دا خاتىرە سۈرەتتە. 2017-يىلى 15-ماي، بېيجىڭ.
AFP

تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغان 14-ۋە 15-ماي كۈنلىرى بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان «خەلقئارالىق بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ باردى.

يىغىنغا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ قاتارلىق 28 دۆلەت رەھبىرى قاتنىشىدۇ. يىغىن باشلاشتىن بۇرۇن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە «ئۆزئارا» جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» گە ئوخشاش بىر قانچە كېلىشمگە قول قويۇلغان.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە خىتاينىڭ تۈرك ماللىرىغا قويغان توسالغۇلىرى بىلەن تۈركلەرگە قويغان ۋىزا توسالغۇلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

تۈركىيەدىكى «ستار» گېزىتىنىڭ 13-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغان 5-ئاينىڭ 14-، 15-كۈنلىرى بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان «خەلقئارالىق بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنى» دا ئاساسىي قۇرۇلۇش، قاتناش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، تىجارەت، سانائەت، پۇل مۇئامىلە، خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، مۇھىت ۋە دېڭىزچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

رەجەپ تاييپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە خىتايغا زىيارەتكە بارغان ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈركلەرگە ۋىزا بېرىشىدىكى توسالغۇلار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئۇنداقتا تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئاساسىي تېمىلاردىن سىرت ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدىمۇ؟

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئىستانبۇل كېلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ماقالىلىرىمدە، دوكلاتلىرىمدا شۇنى ئوچۇق-ئاشكارا بايان قىلىۋاتىمەن. ئوتتۇرا شەرقتە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ تىنچلىق بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ قېتىمقى رەجەپ تاييپ ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى دەپ ئويلايمەن.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» يەنى يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئىش پىلانىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرى بولار؟ پايدا ئېلىپ كېلەرمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە قارىغاندا بۇ پىلاننىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بارلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا بۇ ھەقتىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ بېشىغا كۈن كەلگەن ئۇيغۇرلار پاناھلىق تىلەۋاتقان دۆلەت.

تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندى 2009-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا تۈركىيەدە 300 مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇر بارلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ خىتاي زىيارىتىنى دىققەت بىلەن تەقىب قىلماقتا.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى ئەمەلگە ئاشسا تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قاتارغا قويۇپ قويىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى خىتاي دۆلىتى يېڭى يىپەك يولىنى قۇرۇپ چىقىش پىلانىغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغاننى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يازما دوكلاتىنى سۇنغان.

مۇتەخەسسىسلەر ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ چوقۇم كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئەمما ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يەر بېرىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.