فىرانسىيە ئاخبارات ئورگانلىرى بىرلەشمە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلىدى
2015.12.31

30-دېكابىر كۈنى فىرانسىيەدىكى مەشھۇر ئاخبارات ئورگانلىرى بىرلەشمە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇرسۇلا گوتىيىرغا «ساختا گۇناھ ئارتىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان» لىقىنى ئەيىبلىدى.
فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، فىرانسىيەدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن «دۇنيا گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى جەرومە فەنوگلىئو،«پارىژلىقلار گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى شىتېفانە ئالبوئۇي، «ئازادلىق گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى لائۇرېنت جوففىرىن، «فىگارو گېزىتى» خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ باش مۇھەررىرى ئارنائۇد دە لا گىراڭې، «يېڭى كۆزىتىش» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ماتتىئو كرويساندېئائۇ، «ياۋروپا سەھنىسى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ھېنرى گۇيكون، «فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى» ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ باش مۇھەررىرى مىچېلې لېرىدون، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى كىرىستوفې دېلويرې قاتارلىقلار بۇ بىرلەشمە ماقالىگە ئاۋاز قوشقان.
بىرلەشمە ماقالىنىڭ نامى «بېيجىڭ بىزنىڭ كەسىپدىشىمىزنى چىقىرىۋېتىش قىلمىشىدا ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ماقالىدا: «بىز خىتاينىڭ مۇخبىر ئۇرسۇلاغا قوللانغان خورلاش خاراكتېرلىك مۇئامىلىسىگە قارشى تۇرىمىز. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ بىر يۈرۈش ھاقارەتلىرىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆلۈم تەھدىتىگە يولۇققاندىن كېيىن، ئۇرسۇلانىڭ ئېرىشكىنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كېچە سائەت 12 دىن بۇرۇن خىتاينى تەرك ئېتىش بۇيرۇقى بولدى. بىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۆزىنى ئاقلىيالمايدىغان بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەنمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىمىز.»
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇرسۇلا ئۈستىدىن چېگرادىن چىقىپ كېتىش قارارىنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭغا «ئۆزىنى تەكشۈرۈش» پۇرسىتى بەرگەن ھەمدە ئۇ ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت تېمىنى «باشقىلار مېنىڭ نامىمدىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىققان خاتا بايانلار» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئۇرسۇلا بۇنداق ساختىلىقنى رەت قىلغان.
ئۇ، باي كۆمۈركان ۋەقەسىگە قارىتا خىتاي تەشۋىقاتىغا ئوخشىمايدىغان قاراشتا تۇرۇپ باھا بەرگەن بولۇپ، 18-نويابىر «لوبىس» (يېڭى كۆزىتىش) تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، باي ۋەقەسىنىڭ خىتاي تىلغا ئالغاندەك «جىھادىي ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى يەرلىكنىڭ خىتاي بېسىمىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي توقۇنۇش ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇرسۇلا ئېلان قىلغان ماقالىنى ئەيىبلىگەن. ئۇرسۇلا خىتاينىڭ غەربىدىكى بىپايان تۇپراقتا ياشايدىغان تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ۋە قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى تەسۋىرلىگەن. ماقالىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت، دىن، تىل قاتارلىق جەھەتلەردە 10 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان قاتتىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان خىتايلارغا ۋە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش قانلىق ۋەقەلىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بارلىق ۋەقەلەرنى خەلقئارا تېررورىزمغا ئارتىۋاتقانلىقى، بۇ ۋەقەلەرنى ئالدىنقى ئاي پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرى بىلەن ئورتاق خاراكتېرگە ئىگە قىلىۋاتقانلىقىنى شەرھلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئۇرسۇلا خانىم ئۇچراۋاتقان مۇئامىلە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ھەقتە توختالغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى خىتاينىڭ «توخۇنى بوغۇزلاپ؛ مايمۇننى قورقۇتۇش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ خىتايدا تۇرۇۋاتقان باشقا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
«فىرانسىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ باش مۇھەررىرلىرى بىرلەشمە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ساختا گۇناھ بىلەن ئۇرسۇلانى قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خانىم «بېيجىڭدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار ئىچىدە خىتايچىنى راۋان سۆزلەيدىغان، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە پات-پات بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىغان ئاز ساندىكى مۇخبىرلاردىن بىرى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قارشى ئالمايدىغان ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئىز قوغلاپ ئەگىشىۋېلىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ھۆكۈمەت ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان تۈرلۈك توقۇنۇشلارغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئىگىلەش جەھەتتە تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن» بىر مۇخبىر ئىكەن.
ئۇ، 26-دېكابىر «ھامىي» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۆزىنى چىقىرىۋېتىشىدىكى مەقسىتىنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى جىمىقتۇرۇش ۋە باشقا مۇخبىرلارغا تەھدىت سېلىش» دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى.
31-دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ يىدىن «بۈگۈن فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خىتايدىن ئايرىلماقچى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ يەنە خىتايغا كېلىشىگە رۇخسەت قىلامدۇ» دەپ سورالغاندا، ۋاڭ يى: «بۇ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئۆزىگە باغلىق» دېگەن بىر جۈملە جاۋابنىلا بەرگەن.