فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پارىژغا جەم بولۇپ 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.02.15
fransiye-5-fewral-xatirlesh-2016.jpg فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پارىژغا جەم بولۇپ 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىمەكتە
RFA/Haji Qutluq Qadiri


13 - فېۋرال فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پارىژغا جەم بولۇپ 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى 13 - فېۋرال پارىژ ئىككىنچى رايون مەدەنىيەت مەركىزىدىكى يىغىن زالىغا جەم بولۇپ 1997 - يىلى يۈز بەرگەن 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىگەن.

پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى فرانسۇزلارمۇ قاتناشقان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىبى تۇرسۇنجان بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى جەريانىدا تېلېفون سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

«5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە كۆپچىلىك بىردەك ئۆتكەن يىلقى فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېلىپ بارغان بىر قىسىم پائالىيەتلەر ۋە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر توغرىسىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بەزىبىر ئوخشىمىغان پىكىر ۋە قاراشلار ھەققىدىمۇ ئۆز - ئارا سۆھبەتلەشكەن.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارىژدا ئېلىپ بېرىلغان 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە كەڭ ئۇيغۇر جامائىتى يەنە بۇ يىل 7 - ئايدا فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدىمۇ دەسلەپكى پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان سابىق فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دېينى ئەپەندىمۇ پائالىيەتتە سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئۆتكەن يىلى 31 - دېكابىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورچىلارنى قوللىدى» دېگەن بەتنام بىلەن بېيجىڭدىن ھەيدەلگەن فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى توغرىسىدىكى فىرانسىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېنى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ:«مەن بۈگۈنكى يىغىلىشتا كۆپچىلىككە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى توغرىسىدىكى بېيجىڭغا بىلدۈرگەن بىر نەچچە قېتىملىق يېپىق شەكىلدىكى نارازىلىقىنى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ ئۇرسۇلا خانىمنى يەنە قايتىدىن بېيجىڭغا بېرىپ خىزمىتىنى داۋالاشتۇرۇشقا قارار بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم شۇنداقلا ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە قايتىدىن چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردۈم» دېدى.

فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا پارىژدا چىقىدىغان «لوبىس» ژۇرنىلىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئۇزۇن يىللىق مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ،مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئۆتكەن يىلى 18 - نويابىردىكى سانىدا شۇ يىلى 18 - سېنتەبىر ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن باي كۆمۈر كان ھۇجۇمىنىڭ خىتاي دېگەندەك خەلقئارا جىھادىي ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى «يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.