20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەر نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-11-17
Share
g20-yighin-tukiye.jpg 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت رەئىسلىرى خاتىرە سۈرەتتە. 2015-يىلى 15-نويابىر، تۈركىيە.
AFP

20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا كەلگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 7 توختامنامە تۈزۈلۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدا «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداق بىر ئورۇن ئالار؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئىككى دۆلەت رەئىسلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توختامنامىگە قول قويۇش مۇراسىمدا «تۈركىيە-خىتاي يىپەك يولى ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى كۈچەيتىش توختامنامىسى»، «تۆمۈر يول ياساش ھەمكارلىشىش توختامنامىسى»، «دېڭىزچىلىق، قاتناش ۋە ئالاقە-ئۇچۇر مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش توختامنامىسى» قاتارلىق 7 توختامنامىگە قول قويۇلغان.

بۇلاردىن سىرت 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئانتالىيەدە قىلغان سۆزىدە، خەلقئارانى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىرغان. ئۇ، «خىتاي ئوخشاشلا تېررورلۇقنىڭ قۇربانى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم پارچىسى بولۇشى كېرەك» دېگەن.

ئۇنداقتا خىتاي بۇ قېتىم تۈركىيەدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 7 توختامنامىنىڭ تۈزۈلۈشى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئانتالىيەدە بۇنداق بىر بايانات بېرىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ بىز سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 2008-يىلى دۇنيادا ئىقتىسادىي بوھران مەيدانغا كەلگەندە، بۇ ئىقتىسادىي بوھراننىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى كۈچەيتىش مەقسىتى بىلەن دۇنيادىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ قۇرۇلغان بىر گۇرۇھ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، 2009-يىلىدىن بېرى ئېچىلىپ كېلىۋاتقان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنلىرىدا ئاساسىي جەھەتتىن ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، بۇ يىل ئانتالىيەدە ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا ئاساسىي جەھەتتىن سۈرىيە مۇساپىرلىرى مەسىلىسى، فىرانسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئوخشاش دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى دېدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختامنامىلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە، چۈنكى خىتاي ھازىر دۇنيانىڭ 2-مۇھىم ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە دۆلىتى. تۈركىيەنىڭ، خىتاي تۈركىيەگە مەبلەغ سالسا دېگەن ئارزۇسى بار. ئەمما خىتاي تۈركىيە ئويلىغاندەك مەبلەغ ئېلىپ كەلمەيۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇنى كۈتۈۋاتىدۇ، خىتاي بولسا ‹مەن مەبلەغنى سالىمەن، ئەمما بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بار›، ‹بۇ يەردە تېررور مەسىلىسى بار› دەپ تۈركىيەنى زورلاۋاتىدۇ.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى تەھلىلىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ باياناتى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتايدا «تېررور» ئاتالغۇسىغا بېرىلگەن تەبىرنىڭ مۈجمەل ئىكەنلىكىنى، مۈجمەل بولغاچقا ھازىرغىچە تېررور توغرىسىدىكى قانۇنمۇ ماقۇللانمىغانلىقىنى، خىتايدا تېررور دېگەن ۋاقتىدا ئۇيغۇرنىلا كۆرسىتىدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەردە ئۇنداق ئەمەسلىكىنى، خىتاي تېررورغا توغرا تەبىر بېرەلمىگەچكە باشقا دۆلەتلەرنى ئىشەندۈرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ قىسقا مۇددەتتە دېگەندەك راۋاجلىنىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مۇددەتتە كۈچىيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت