گېرمانىيەدىكى «چوڭلار مەشرىپى» ھەققىدە تەسىراتلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.02.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
germaniye-chonglar-meshrep.jpg گېرمانىيەدىكى «چوڭلار مەشرىپى» سورۇنى
RFA/Ekrem


گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىنكاسلىرىغا كۆرە، قۇرۇلغىنىغا 5 يىل بولغان ميۇنخېن شەھىرىدىكى«چوڭلار مەشرىپى» يالغۇز گېرمانىيەدىلا ئەمەس، ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش، ئۇيغۇر ئەخلاقىنى ساقلاش ۋە ئۇيغۇر سىياسىي مۇجادىلىسىنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز تەسىرى ھەم رولىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

ئايدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان ميۇنخېن شەھىرىدىكى «چوڭلار مەشرىپى» ئالدىنقى بىر قانچە يىلدا بىرقانچە قېتىم مەشرەپ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارالىق چوڭ مەشرەپلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئاخىرقى قېتىم 2015 - يىلى 22 - ئاۋغۇست گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ مەشرەپكە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، نورۋىگىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ئەللەردىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار، سىياسىي پائالىيەتچىلەر قاتنىشىپ كۆپ خۇرسەن بولغان ۋە مەمنۇنىيەتلىرىنى ئىپادىلەشكەن ئىدى.

بۇ يىل يازدا يەنە كۆلىمى تېخىمۇ زور بولغان خەلقئارالىق بىر مەشرەپ ئۆتكۈزۈش پىلانلانماقتا.

6 - فېۋرال كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى ئايرىمخانىسىدا «چوڭلار مەشرىپى» بولۇپ ئۆتتى. بۇ مەشرەپكە ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئامېرىكا ۋە شىۋېتسارىيەدىن كەلگەن مېھمانلارمۇ داخىل بولدى. مەشرەپتە بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارالىق چوڭ مەشرەپنىڭ پىلانلىرى تىلغا ئېلىندى. ميۇنخېندىكى «چوڭلار مەشرىپى» نىڭ قازىسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى قۇرۇلغىنىغا 5 يىل بولغان بۇ مەشرەپنىڭ ئويناۋاتقان رولى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەشرەپنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مۇساپىرچىلىق ھاياتقا بەخىش ئېتىۋاتقان تەسەللى ۋە مەنىۋىي ئوزۇقلىرىنىڭ زورلۇقىنى تىلغا ئالدى.

مەشرەپ ئەسناسىدا، بىز يەنە بۇ مەشرەپنىڭ «پاششاپ»لىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلىيار ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق. شىۋېتسارىيىدىن كېلىپ بۇ مەشرەپكە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى قەيسەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھى شەھىرىدىن كېلىپ بۇ مەشرەپكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنىۋەر ئەپەندىمۇ پىكرىنى ئىپادە قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.