غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.02.05
germaniye-munich-ghulja-weqesi-namayish-2017-2.jpg غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيەدىكى نامايىش
RFA/Ekrem


4-فېۋرال كۈنى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئېلىپ باردى.

1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ميۇنخېن ھەم ئەتراپ شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەمدە بىر قىسىم تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكىدا 100 ئەتراپىدا كىشى 4-فېۋرال كۈنى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

بۇ نامايىشنى د ئۇ ق باش شىتابىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا كۆپ ساندا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ قاتناشقان ئىدى. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تۈرلۈك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن نامايىشچىلار گېرمانچە، ئۇيغۇرچە، خىتايچە تىللاردا شۇئارلار توۋلاپ، كونسۇلخانا ئالدىنى لەرزىگە سالدى.

نامايىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىرى بۇندىن 20 يىل ئىلگىرى غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ۋەقەلىرىنىڭ جەريانىدىن مەلۇماتلار بېرىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىدى. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

نامايىش جەريانىدا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىم بىر كۈن ئىلگىرى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ «غۇلجا قەتلىئامى»نىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئاخباراتىنى جامائەتكە ئوقۇپ بەردى. ئاخباراتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن 20 يىل مۇقەددەم غۇلجىدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەسقەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ نۇقتىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.
غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيەدىكى نامايىش
بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىممۇ زىيارىتمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

نامايىش جەريانىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان «ئىلھام توختى گورۇپپىسى»نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ جامائەتكە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىنقىلاپلار ۋە قانلىق باستۇرۇش ۋەقەلىرىنى خاتىرىلەشكە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئەنۋەرجان ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىش ئۈچۈن «ئىلھام توختى گورۇپپىسى» نامىدىن مەخسۇس قارا گۈلچەمبىرەك ۋە تەشكىلاتنىڭ سىمۋولى چۈشۈرۈلگەن لوزۇنكىنى بىرگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

4-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت 3 بىلەن باشلانغان نامايىش 4:30 دا ئاخىرلاشتى. نامايىشتىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئاچقان روزىمەمەت ئەپەندى يىراق-يېقىندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا داستىرخان سالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.