2 - فېۋرال گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا توپلىنىپ، 1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يۈز بەرگەن «غۇلجا ۋەقەسى» خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزدى.
خىتايغا قارشى نامايىشلارغا ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم قاتناشقان بىر ئۇيغۇر ياش بۇ نامايىشقا قانىشىپ ھاياجانلانغانلىقىنى، نامايىشنىڭمۇ بىر خىل ئىنقىلاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نامايىش يېتەكچىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشقا چاقىردى.
«گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئىككى سائەت داۋام قىلغان مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك ۋە تۈركمەن ئاكتىپلار بولۇپ يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
نامايىشچىلار ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامىنى ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، گوللاندچە ۋە تۈركچە ئاڭلاتتى. شوئارلار توۋلىدى ۋە باياناتلار ئوقۇدى. ئىتتىپاقلىق، بىرلىك ۋە مۇستەقىللىق مەزمۇن قىلىنغان تېمىلاردا نۇتۇقلار سۆزلەندى.
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار بىردەك، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ناھايىتى جانلىق ۋە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00