ئۇيغۇر مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان يېڭى ھۆججەتلىك فىلىم يورۇقلۇققا چىققان.
كانادا ۋەتەنداشلىقىدىكى پاترىشيو ھېنرىكۇئېز رېژىسسورلۇق قىلغان 90 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم «گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار: بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى» مونترېئال خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلغاندىن كېيىن زور تەسىر پەيدا قىلغان.
مەزكۇر فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىشىدە كۈچ چىقارغان ھەمدە ئۆزى بىۋاسىتە فىلىمگە قاتناشقان روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ مەزكۇر فىلىمنىڭ ھازىرغا قەدەر گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملار ئىچىدە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسەر بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلىم رېژىسسورى پاترىشيو ھېنرىكۇئېز ئەسلىدە چىلىلىق كىشى بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا چىلىدىكى دىكتاتور رېجىمدىن قېچىپ كاناداغا كەلگەن ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. پاترىشيو ئەينى ۋاقىتتا قاچقۇنلۇق ھاياتىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشى بولغاچقا، گۇەنتاناموغا گۇناھسىز قامالغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاچچىق كەچمىشلىرىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ھېس قىلغان.
ئۇ مەزكۇر فىلىمدە گۇەنتانامودىن ئالبانىيەگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئابابەكرى قاسىم، بېرمۇداغا يەرلەشتۈرۈلگەن خېلىل ۋە پالاۋغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئەخمەت قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەسلىمە ۋە بايانلىرى ئارقىلىق گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھاياتىنى يورۇتۇشقا تىرىشقان.
فىلىمدە يەنە، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ دېلوسىغا بىۋاسىتە ئارىلاشقان كىلشىلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى ۋە ئۇلارغا يىللارچە تەرجىمانلىق قىلغان روشەن ئابباس خانىمنىڭ بايانلىرىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتقان.
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدە 22 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ خاتا ھالدا تۇتۇلۇشىدىن باشلاپ گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامىلىشى ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان مۇرەككەپ تارتىشمىلاردىن كېيىن 3 - دۆلەتكە يەرلەشتۈرۈلىشىگىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى سىياسىي «بىمەنىلىك» تېمىسى ئاستىدا يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.
فىلىم مونترېئال خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا تۇنجى مەيدان قويۇلغاندىن كېيىن يوقىرى باھاغا ئېرىشىپ، كەلگۈسى ئامېستېردامدا ئۆتكۈزىلىدىغان فىلىم مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.
روشەن ئابباس خانىم مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە يورۇقلۇققا چىقىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا چۈشىنىشىدە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تۆمۈر پەردىسى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان رېئاللىقىنى بىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.