فەتھۇللاھچىلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايتتى؟
2016.08.12

15 - ئىيۇل كۈنى تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى بىر ئوچۇم قوماندان ۋە ھەربىي تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغاندا، خەلق كوچىلارغا چىقىپ تانكىلارنىڭ ئالدىدا يېتىۋېلىپ، ئەنقەرەنىڭ قازان رايونىدىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇچىدىغان ھاۋا ئارمىيەسىگە بېسىپ كىرىپ جېنىنى تىكىپ توسۇشقا تىرىشقان ئىدى. 12 سائەت داۋاملاشقان، 238 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان، 2197 كىشى يارىدار بولغان ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئايدىن بۇيانقى تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە بۇ ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنى «فەتھۇللاھ گۈلەن خىزمەت ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان، ھازىر تۈركىيە ھۆكۈمىتى «فەتھۇللاھچى تېررور تەشكىلاتى» دەپ ئاتىغان گۇرۇھنىڭ قىلغانلىقى جەزىملەشتى. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەرىكەت ئىچىدە 27 نەپەر ئەتراپىدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، بۇلار خىزمىتىدىن چىقىۋېتىلگەن.
فەتھۇللاھچىلارنىڭ تۈركىيەدە ۋە دۇنيادىكى 100 دەك دۆلەتتە مەكتەپ، ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بار بولۇپ، تۈركىيەدە چوڭ تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژۇرنال ۋە رادىيولىرىمۇ بار ئىدى. مەزكۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئورۇن بەرمەيتتى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى فەتھۇللاھچىلارنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ خىتاي تەرەپتە تۇرىدىغان سىياسەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇلار 1997 - يىلى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى دېدى.
ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى فەتھۇللاھچىلارنىڭ سامان يولى تېلېۋىزىيەسىدە 1990 - يىللارنىڭ باشلىرىدا، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قېتىم ئورۇن بېرىپ كېيىن، پەقەت ئورۇن بەرمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، فەتھۇللاھچىلارنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى، ئوسمان نامىدىكى بۇ مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىن خىتاي تەرەپتارى خەۋەر ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى فەتھۇللاھچىلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھېسداشلىق قىلىش بىر تەرەپتە تۇرسۇن، ئۇيغۇرلارنى قارىلايدىغان خەۋەرلەرگە ئورۇن بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار «خىزمەت ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان فەتھۇللاھچىلارنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بەرمەسلىكى ياكى خىتاي تەرەپتارى خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە دېگەن سوئالىمىزغا تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى جاۋاب بەردى.
ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى فەتھۇللاھچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار دەۋاسىنى قوللىماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى تۈرك ئارمىيىسىگە سىڭىپ كىرىۋالغان فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيەدە تۇرۇۋاتقان فەتھۇللاھ گۈلەننى ئامېرىكىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ۋاشىنگىتونغا رەسمىي ھەيئەت ئەۋەتىپ ماتېرىيالىنى سۇندى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.