ھامبۇرگ-شاڭخەي ھەمراھ شەھەر مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.11.18
ulrich-ulrik-delyus-germaniye-xeter-astidiki-milletler.jpg «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى
RFA/Ekrem


گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرى بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرى «ھەمراھ شەھەر» مۇناسىۋېتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قۇتلاش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان.

باش شىتابى گېرمانىيەدە بولغان «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ بىرقانچە ھەپتىلەردىن بۇيان ھامبۇرگ شەھىرىدە ھامبۇرگ-شاڭخەي ھەمراھ شەھەر بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن تۈرلۈك شەكىللەردىكى قۇتلاش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەمراھلىق ھېچقاچان خىتاي ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ باقمىغان.

13-نويابىر كۈنى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋەكىللىرى ھامبۇرگ شەھىرىگە بېرىپ، بۇ ئىككى شەھەر دوستلۇقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيىلىكلەر ۋە خىتايلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ توغرىلىق بىزگە مەلۇمات بەرگەندە، بۇ مۇراسىمدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنىڭ ئۈچ چوڭ تېمىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۈچ تېمىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى. ئىككىنچىسى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىنى مېڭ خۇڭۋېينىڭ خەلقئارا ساقچى يەنى ئىنتېرپولنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىش مەسىلىسى. ئۈچىنچىسى، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە كۆز يۇمۇۋېلىشى.

ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ خالىغانچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ساقچى ئىدارىلىرى، تۈرمىلەردە قېيىن-قىستاققا ئېلىنىشى، ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىشى، ھەتتا ناماز ئوقۇش، ساقال-بۇرۇت قويۇش، رومال ئارتىشتەك ئەقەللى ئادەتلىرى ۋە ئېتىقادىنىڭ ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى مېڭ خۇڭۋېينىڭ ئىنتېرپولنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، خىتايدەك مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ خەلقئارا ساقچىغا باش بولۇشىنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرپولنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى خىتايلار تەرىپىدىن ئىنتېرپولدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى مىسالغا ئالغان ھەمدە دولقۇن ئەيسانىڭ گېرمانىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن تىنچ يوللار بىلەن مۇجادىلە قىلىۋاتقان تونۇلغان سىياسىي پائالىيەتچى ئىكەنلىكىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ تېخىچە ئىنتېرپول تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىنى ئىزاھلىغان. ئۇ يەنە ئىنتېرپولغا باش بولۇش سالاھىيىتى بولمىغان بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بۇ ھوقۇقنى قولغا ئېلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت ئەركىنلىكى، ساياھەت ئەركىنلىكىگە خەۋپلەر تۇغدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنتېرپولغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ھەمدە ئۆزى ئۈستىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇملارغا كۆز يۇمىۋاتقانلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ب د ت، ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە غەرب پۇقرالىرىنىڭ ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىملارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشتەك ئىنسانىيەتسىزلىكلەرگە چەكلىمە قويۇشى لازىملىقىنى، غەرب دۆلەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارغا باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشلىرى لازىملىقىنى تەكرارلىغان ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان غەيرى ئىنسانىي سىياسەتلىرىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەيىبلەش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ۋە خىتايغا ئۈنۈملۈك بېسىم ئىشلىتىدىغان بىر مىخانىزمنى بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە كونكرېتنى قىلىپ، خىتاينىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ھەمراھ شەھەر، ھەمراھ ئايرودروم، كۇڭزى ئىنىستىتۇتى دېگەنلەرنى قۇرۇپ، كېلىچەكتىكى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاۋاتقانلىقىنى، ئۇلاردا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش دەيدىغان بىر ئاڭنىڭ يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.