ھىندىستان خىتاي تەھدىتىدىن ئەندىشىلەنمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2013.07.30
xitay-hindistan-305.jpg ھىندىستان گېنېرالى ك.ت. پارنايك، كەشمىردە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. 2011-يىلى 5-ئاپرېل.
YouTubetin Elinghan

ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ، ھىندىستان، خىتاي چېگرا رايونلىرىدا بارغانچە ئاشۇرۇۋاتقان ئەسكىرى كۈچىگە قارىتا ھوشيار بولۇش ئۈچۈن 45 مىڭ ئەسكەرنى يېڭىدىن ۋەزىپىلەندۈرۈپ خىتاي، ھىندىستان چېگرا بويلىرىغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ھىمالايا تاغلىرى ئارقىلىق 3 مىڭ كىلومېتىرلىق دائىرىدە ئۆز-ئارا چېگرىلىنىدىغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ، خىتاي تەھدىتىگە قارشى چېگرا رايونلاردىكى ئەسكىرى كۈچىنى ئاشۇرۇش تەكلىپى بىرقانچە يىل ئىلگىرى ھۆكۈمەتكە سۇنۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ يېقىندا بېيجىڭغا قاراتقان زىيارىتىدىن كېيىن تەستىقلانغان.

ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىشىچە، ھىندىستان تەرەپ جەمئىي 11 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ ھىندىستان، خىتاي چېگرا بويلىرىغا بىر ھەربىي گازارما سېلىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ،بۇ ھەربىي گازارما پۈتكەندىن كېيىن، شەرقتە مەركىزى ھىندىستاندىن غەربتە بېنگالغىچە بولغان چېگرا رايوندا تۇرغۇزۇلغان 45 مىڭ ھىندىستان ئەسكىرى ئەگەر خىتاي تىبەتكە قارىتا ھەرقانداق بىر ئەسكىرى ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلگەندە، ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ھازىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىندىستان تەرەپ 2009-ۋە 2010-يىللىرى خىتاينىڭ ئارۇناھال پرادەش رايونىغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قاراپ، لەكھاپانى ۋە مىسسامارى رايونلىرىغا ئىككى پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم. خىتاي، ھىندىستاننىڭ ئارۇناھال رايونىنى ھىندىستان زېمىنى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلماي كەلمەكتە.

ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي، ھىندىستان چېگرا بويلىرىدا تەخمىنەن 5 مۇكەممەل ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ساھىب بولغاندىن باشقا، بۇ چېگرا رايونلارغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتارلىق مۇئەسسەسىلىرىگىمۇ ساھىب ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ چېگرا رايونىغا تۇتىشىدىغان 58 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاشيولى بار ئىكەن. خەۋەردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىل مارت ئايلىرىدا تىبەتتە بىر ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغانلىقى، ھىندىستان تەرەپنىڭ، خىتاينىڭ ھىندىستان چېگرا رايونلىرى ۋە تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان زور كۆلەملىك ھەربىي ھازىرلىقلىرى سەۋەبىدىن راھەتسىز بولۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ ھەقتە جىددىي تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ھىندىستان بىلەن خىتاي دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر شۇنداقلا، ئاسىيادىكى 2 چوڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، ئۆز ‏- ئارا ئىختىلاپلىرىمۇ كۆپ بولۇپ 2 دۆلەت چېگرا مەسىلىلىرىدە چىقىشالماي كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا يەنە بۇ 2 دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرىگە، ھىندىستاننىڭ دالاي لاما رەھبەرلىكىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى قوللىشى، خىتاينىڭ پاكىستانغا قىلىۋاتقان ياردىمى ۋە سۇ مەسىلىسى قاتارلىقلار كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ كەلمەكتە.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى لاداخ رايونىنى تالىشىش ماجىراسى، 1950-يىلىدىن ئېتىبارەن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ھىندىستان تەرەپنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھىندىستان تەرەپكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى بىلەن خىتاي، ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ جىددىيلەشكەن.

ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە خىتاي ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولسىمۇ، يەنە بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا 2015-يىلىغا بارغاندا خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ سودا ئومۇمى قىممىتىنىڭ 100 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولسىمۇ،ئەمما خىتاينىڭ ھىندىستان چېگرا رايونلىرىدا ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقان ھەربىي ھازىرلىقلىرى شۇنداقلا تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرلار سەۋەبىدىن، ھىندىستان تەرەپمۇ بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ھەربىي جەھەتتىن تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.