ئىنقىلابچى ئىبراھىم مۇھىتى 93 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013.11.29
ibrahim-muhiti-305.png  ئىنقىلابچى ئىبراھىم مۇھىتى 93 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى
Photo: RFA


ئىدىقۇت ئاسمىدا چاقنىغان ئەركىنلىك، مەرىپەت يۇلتۇزلىرىنىڭ ئاخىرىقىسى، مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىۋاتقان بىرىدىن - بىر ئوغلى، پىشقەدەم زىيالىي، مائارىپچى ئىبراھىم مۇھىتى مۇشۇ ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مەرھۇم مائارىپچى ئىبراھىم مۇھىتىنىڭ جىنازا نامىزى ئادەم تاشقىنلىقى ئىچىدە ئۈرۈمچى بەيتۇلمەمۇر مەسچىتىدە ئوقۇلۇپ، گۈلساي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرھۇم ئىبراھىم مۇھىتىنىڭ ئوغلى مەخسۇت مۇھىتى مۇھىتىلار جەمەتىدىكى تۆت قېرىنداش مۇھىتىلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

مەرھۇم ئىبراھىم مۇھىتى 1920 - يىلى تۇرپان ئاستانىدە تۇغۇلغان. 1933 - يىلى ئاتىسى مەخسۇت مۇھىتى لۈكچۈندىكى جەڭدە شېھىت بولغاندىن كېيىن كىچىك ئاتىسى مەھمۇت مۇھىتى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە قەشقەرگە ئېلىپ كەتكەن.

ئىبراھىم مۇھىتى دەسلەپتە قەشقەر يۇمىلاق شەھەرگە جايلاشقان ھەربىي شىتابنىڭ ئىچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە، كېيىن ئوردا ئالدى مەكتەپتە ئوقۇغان. مەھمۇت مۇھىتى ئۇنى «ئاكامنىڭ تەۋەررۈك ئوغلى» دەپ ناھايىتى ئەتىۋارلاپ تەربىيىلىگەن. ئىبراھىم مۇھىتى 1936 - يىلى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە تۇرپانغا قايتىپ كەلگەن.

ئىبراھىم مۇھىتىنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئابدۇراھمان مۇھىتى تۇرپان سىڭگىم ئېغىزىدا گومىنداڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، ئىبراھىم مۇھىتىمۇ قولىغا قورال ئېلىپ ئىنقىلابقا قاتناشقان.

ئىبراھىم مۇھىتى 1948 - يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن قۇرۇلغان ئىنقىلابىي تەشكىلات - خەلقچىل ياشلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن.

ئىبراھىم مۇھىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دارىلفۇننىڭ يەنى ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1953 - يىلى بېيجىڭدىكى خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ،ئىقتىساد، ستاستىستىكا كەسپى بويىچە تۆت يىل ئوقۇغان. بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

1965 - يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغاندا،«توردىن چۈشۈپ قالغان پومېشچىك»، «قارا گېزەندە» دەپ تارتىپ چىقىلىپ، ئون يىلغا يېقىن ئازاپ چەككەن. ئۇ بۇ جەرياندا مەكتەپتە پار ئوچاققا ئوت قالىغان، ياغاچچىلىق قىلغان. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنىپ، بارلىق ئەركىنلىكلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان، ھەتتا سۆزلەش ھوقۇقىمۇ بولمىغان.

1981 - يىلى سىياسەت ئەمەلىيلەشكەندە، ئۇنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ، ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتۇشنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش بۆلۈمىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1985 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.

پىشقەدەم زىيالىي ئىبراھىم مۇھىتى 90 نەچچە يىللىق ئۆمۈر مۇساپىسىدە بىر قانچە دەۋرلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، جەڭ مەيدانلىرىدا قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپە قوشقان. ئاپەتلىك يىللاردا گەرچە خورلۇق، ئازاپ - ئوقۇبەت تارتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىرادىسىنى قىلچە بوشاتماي مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە كۆپ تۆھپە قوشقان.

ئىبراھىم مۇھىتى ئاتىسى مەخسۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ ئائىلە شەجەرىسىگە ئائىت كۆپلىگەن ماقاللەرنى يېزىپ، تەتقىقاتچىلارنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي دەۋرنىڭ تولۇق سۈرەتلىنىشىگە ھەسسە قوشقان زات.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت تۇرپان ئاستانىدىكى مۇھىتىلار جەمەتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تەسىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە، مائارىپىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.