ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستانغا پايدىسى بارمۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.05.28

قازاقىستاندا رۇسىيە، بېلورۇسىيە ۋە قازاقىستان ئارىسىدا 29-مايدا ئىمزالىنىدىغان ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە كۈچەيمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەشكىلات رۇسىيە، بېلورۇسىيە ۋە قازاقىستان ئارىسىدىكى ئىتتىپاق بولۇپ، ئۇ 2015-يىلنىڭ 1-يانۋار كۈنىگىچە قۇرۇلۇپ بولۇشى لازىمدۇر.

مەزكۇر ئىقتىسادىي ئىتتىپاقنى قۇرۇش ئىدىيىسىنىڭ ئاپتورى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بولۇپ، ئۇنى 2012-يىلى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە دمىترىي مېدۋېدېفلار قوللىدى. بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇش ئۈچۈن ئەركىن سودا زونىسىنى قۇرۇش، تاموژنا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش، بىر پۈتۈن ئىقتىسادىي ئورگان قۇرۇش، ئىقتىسادىي ئىتتىپاق قۇرۇش قاتارلىق بىر نەچچە باسقۇچتىن ئۆتۈش پىلانلانغان ئىدى. تەشكىلاتنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇنىڭدىكى، ئۇ ئىتتىپاق دائىرىسىدە تاۋارلارغا، كۆرسىتىلىدىغان خىزمەتلەرگە، پۇل ۋە ئەمگەك كۈچىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى كۈچىدىن قالدۇرىدۇ. ئۇ شۇنداقلا تاۋارلارغا قويۇلغان باھالارنى ئەرزەنلىتىشنى، ئومۇمىي بازاردىكى رىقابەتچىلىكنى كۈچەيتىشنى، ئىشلەپچىقىرىش ساپاسىنى كۆتۈرۈشنى، ئاھالىنىڭ ئىش بىلەن تەمىنلىنىشىنى، بازار ھەجمىنى كۆپەيتىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇش جەريانىدا مەزكۇر مەملىكەتلەر ئارىسىدا باج ۋە سېلىقلار، گاز ۋە نېفىت مەسىلىلىرىدە بىر قاتار تالاش-تارتىشلار يۈز بەرگەن ئىدى.

29-مايدا ئاستانادا ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «نۇر ئۆز» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى ن. نازاربايېف مۇنداق دېگەن: «20 يىل مابەينىدە بىز ئىقتىسادىي راۋاجلىنىش يۆنىلىشىدە ماڭدۇق. بۇ ۋاقىتقا قەدەر چوڭ ئىشلار يۈرگۈزۈلدى. ئەمدى بىز بىكارغا ئىشلىمىگىنىمىزنى، ئىمزالانغان ھۆججەتنىڭ خەلق بەخت-سائادىتىگە قارىتىلغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىشىمىز لازىم. بىزنىڭ دۆلىتىمىز بۇ ئىتتىپاقتىن يىراق مۇددەتكە مۆلچەرلەنگەن پايدىسىنى ئالىدۇ. بىز كېلىشىمنى ئىمزالاشقا بارىمىز، سەۋەبى ئۇ بىزگە ئىقتىسادىي نۇقتىئىنەزىرىدىن پايدىلىق. خۇسۇسەن، قازاقىستاننىڭ دېڭىزغا چىقىش يولىنىڭ يوقلۇقىنى ھېسابقا ئېلىش كېرەك، ھە، بىزنىڭ قوشنىلىرىمىز ئۇنى ترانسپورت قۇرۇلۇشىدىكى يول سۈپىتىدە تەمىنلەيدۇ.» دۆلەت رەھبىرى قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان زىچ ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنىڭ قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، يەنى 22-مايدا ئالماتادا ئۆتكەن بىر يىغىندا جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار باش قوشۇپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا قارشىلىقىنى، كېلىشىم ئىمزالانغان تەقدىردە مەملىكەت مۇستەقىللىقىغا زىيان يېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئانالىزچى غالىم ئاگېلېئۇئوف ئۆز سۆزىدە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا شۇنداقلا قازاقىستانلىقلار تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.