5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 - يىللىقى يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئېلىپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى قاتتىق جىددىيلەشتۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا - ئارقىدىن سوت ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى جازالاندۇرماقتا.
بۇ خىل خەۋەرلەرگە تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بېرىلمەكتە. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئىسمايىل تانەر ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
- ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل تانەر ئەپەندى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 - يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى يېقىنلىشىپ قالدى. سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېچىنىشلىق خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
- خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمىنى دۇنيا - ئالەم بىلىدۇ. مەن بۇ يەردە سىلەرگە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەر دائىم ئۇلارنى قوللاپ - قۇۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىمەكچىمەن. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەنمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللايمىز. مەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بالدۇرراق مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆك بايرىقىنىڭمۇ باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بايرىقىنىڭ يېنىدا لەپىلدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق خەۋەرلەر كۆڭلىمىزنى بەكلا يېرىم قىلىدۇ. ئەمما مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن.
- ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى ئىسمايىل تانەر ئەپەندى، سىزگىمۇ مەلۇم، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر، خىتاي قانۇنىدا ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ھەق ۋە ھۇقۇقىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ئوخشاش زىيالىيلار تۇرمىگە تاشلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا چىدىيالمىغان ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى ھەر خىل يوللار بىلەن نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي قاتتىق جازالاۋاتىدۇ. سىزچە، بۇنىڭغا قارشى نېمىلەرنى قىلىش كېرەك ؟
- ئەسلىدە پەقەتلا ئۇيغۇر تۈركلىرىلا ئەمەس، دۇنيادىكى نۇرغۇن تۈركىي مىللەتلەر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. مەنچە بىز ئالدى بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بىز پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى بىز. بىز ئالدى بىلەن مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ ئەمەلگە ئاشسا ئېزىلىۋاتقان، زۇلۇمغا ۋە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى ئۇزىتالايمىز دەپ ئويلايمەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكى قۇرۇلسا بىزنىڭ خەلقئارا سىياسىي تەسىرىمىز كۈچىيىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ ئىگە چىقالايمىز، خىتاي دۆلىتىگىمۇ گەپ ئۆتكۈزەلەيمىز. مەنچە، خىتاينىڭ دىكتاتورلۇق تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرىشىمۇ مۇمكۇن ئەمەس. چۈنكى دۇنيادا بېسىم سىياسەتكە تايانغان باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنىڭ كۆپى گۇمران بولدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىمۇ گۇمران بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەسلىدە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇلارمۇ ئۇزۇن يىل رۇسلارنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا ياشىدى.
- ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى ئىسمايىل تانەر ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ئېغىر دەرىجىدە ئىنسان ھەق ۋە ھۇقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا. بۇ ھەقتە سىزگە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرىمۇ مەلۇمات بەردى. بۇ مەسىلىنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويامسىز؟
- بىز ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىمغا ۋەدە بېرىمەن. مەن شۇنىمۇ دەپ قوياي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىنمۇ قورقمايمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن نېمە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا شۇنى قىلىمەن. ئۇيغۇرلار تارىختا دۆلەتلەر قۇرغان، دۇنيا مەدەنىيىتىگە شۇنداقلا تۈرك مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەت. ئۇلار تارىختا قۇرغان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۇقۇقىغا ئىگە. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاپ - قۇۋەتلەش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ شۇنداقلا تۈرك خەلقىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بۇرچى دەپ قارايمەن.
- ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچىسىز؟
- ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئۇلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنى بىلىمىز. ئەركىنلىك كۈرىشىنى قوللاپ - قۇۋەتلەيمىز. ئۇلار بەرداشلىق بەرسۇن. ئاخىرى بىر كۈن مۇستەقىللىقىڭلارغا ئېرىشىسىلەر. چۈنكى سىلەرنىڭ دەۋايىڭلار ھەققانىي دەۋا.
0:00 / 0:00