ئالمۇتادا ئۇيغۇر يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوفنىڭ يېڭى كىتابى تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوف سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 18-نويابىر، ئالماتا.
يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوف سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 18-نويابىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

14-سېنتەبىردە ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي كۈتۈپخانىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا تونۇلغان يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوفنىڭ «ئارال: يۈتكەن دېڭىزنى ئىزدەش» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇنىڭغا كۆپلىگەن زىيالىيلار، يازغۇچىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. مەزكۇر كىتاب قازاقىستان مىللىي جۇغراپىيە جەمئىيىتى ۋە قازاقىستاندىكى ئارال دېڭىزىنى قۇتقۇزۇش خەلقئارا فوندىنىڭ ئىجرائىيە باشقارمىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. 

كىتابتا قازاقىستان مىللىي جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئارال دېڭىزى رايونىدا ئۇيۇشتۇرغان «ئۇلىتاۋ-ئارال» ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىسىنىڭ نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغان مەلۇماتلار كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ، كىتابخانلارنىڭ قىزىقىشىنى پەيدا قىلدى. كىتابتىن بەزى پارچىلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇمھۇرىيەتلىك «مىسل» ئىجتىمائىي-سىياسىي ژۇرنىلىدا ۋە قازاقىستان، رۇسىيە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىندى.

تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنى ئاچقان ئارال دېڭىزىنى قۇتقۇزۇش خەلقئارا فوندىنىڭ رەئىسى بولات بېكنىياز، مەزكۇر كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ تەرجىمىھالىنى قىسقىچە  تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. مەزكۇر پائالىيەتتە جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى شېرىپجان نادىروف، شائىر ۋە ژۇرنالىست راتبېك تىرلىكبايېف، يېزا ئىگىلىكى پەنلىرىنىڭ دوكتورى مۇھەممەتجان ئابدۇللايېف، ئالمۇتا كۆۋرۈك  ئىنشائاتلىرىنى ياساش زاۋۇتىنىڭ مۇدىرى ئەخمەتجان شەردىنوف ۋە باشقىلار سۆز قىلدى. ئۇلار، ئارال دېڭىزىنىڭ پەقەت قازاقىستان ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيا ئۈچۈنمۇ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ كېلەچەك تەقدىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇلار يەنە، بۇ جەھەتتە ئاپەت يۈز بېرىۋاتقان يەرنىڭ ئۆتمۈشىگە، ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ئادەملەر تەقدىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش لازىملىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېغىرچىلىقلىرىنى ۋە دۇنيا كۆزقاراشلىرىنى تەسۋىرلەشنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن مۇھىملىقىنى، بۇ كىتابىنىڭ بۇنىڭ بىر يارقىن ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  

ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن كۆپلىگەن ئاتاقلىق يازغۇچىلار، ئالىملار، سەنئەتكارلار يېتىشىپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئىسمائىلجان ئىمىنوفنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ مىللەت ئوقۇرمەنلىرىگىمۇ ياخشى تونۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.  نادىروفنىڭ قارىشىچە، ئىسمائىلجان ئىمىنوف مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن يېڭى بەدىئىي ئەسەرلەرنى يارىتىپ كېلىۋاتقان، تىلى ۋە ئۇسلۇبى باشقىلاردىن پەرىقلىنىدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىسمائىلجان ئۇيغۇرلاردىن چىققان رۇس تىللىق تۇنجى يازغۇچى. ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ناھايىتى كۆپ زامانىۋى مەسىلىلەرنى يورۇتىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى ئارال دېڭىزى مەسىلىسى. بۇ دۇنياۋى مەسىلە. بىراق كۆپلىگەن ئالىملار بۇ مەسىلىنىڭ ئىچىدە ئىنساننى كۆرمىگەن. ئارال رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغىنى ئەڭ ئاساسىي ئامىل. شۇ سەۋەبتىن ئارال دېڭىزى ساقلىنىدۇ. ھازىر كىچىك ئارال دېڭىزى بار. ئامما ئۇ كىچىك بولغىنى بىلەن كېلەچىكى ناھايىتى چوڭ دېڭىزدۇر.» 

ئارال دېڭىزى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇزلۇق دېڭىز بولۇپ، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان چېگراسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئارال دېڭىزى ھەجىم جەھەتتىن دۇنيادا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دېڭىز ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن تارتىپ ئاساسەن ئامۇ ۋە سىر دەريالىرىدىن  كېلىدىغان سۇ قىسقارغانلىقتىن، ئۇنىڭ ھەجمى تېز ئارىدا كىچىكلەپ، نەتىجىدە پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىش خەۋپى پەيدا بولغان. كېيىنكى يىللىرى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئارال دېڭىزىنىڭ تەقدىرى ئېكولوگىيىلىك ھالاكەت سۈپىتىدە قارىلىشقا باشلاندى. ھازىر ئۇنى ساقلاپ قېلىش بويىچە ھەر خىل چارىلەر كۆرۈلمەكتە.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئارال دېڭىزىغا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيە تەركىبىدە ئالمۇتا ۋە ئاستانا شەھەرلىرىدىن ئالىملار، يازغۇچىلار، ژۇرنالىستلار ئارال دېڭىزى ۋە شۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئاھالىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، تۇرمۇش شارائىتى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئارال دېڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ساقلاپ قېلىش يولىدا كۆپلىگەن ئىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئىسمائىلجان  ئىمىنوف، سوۋېت دەۋرىدە بۇ رايوندا ياشاۋاتقان قازاق، ئۆزبېك، قاراقالپاق ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرى ئۈچۈن ئىچىملىك سۇ ۋە دورا-دەرمەكلەر يېتىشمەي، ئېغىر كېسەللەرگە دۇچار بولۇپ ئازابلانغانلىقىنى، مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇ مەسىلە قازاقىستان تەرەپتە توختىتىلدى. بۇرۇن كەتكەن ئادەملەر قايتىپ كېلىۋاتىدۇ. مەركىزىي قازاقىستاندىن پاكىز سۇ ئېلىپ كېلىندى. گازمۇ كەلدى. ئەمدى شۇ يەردىكى ئادەملەر ئۆز يېرىنى ھېچ قاچان تاشلاپ كەتمەيدۇ. سەۋەبى ئۇلار شۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ياتىدۇ. قازاقىستان دۆلىتى ئىقتىساد تەرەپتىن يەرلىك خەلققە ياردەملىشىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئاساسىي ۋەزىپەم ئاددىي خەلق بىلەن سۆھبەتلىشىش بولدى.»

ئى. ئىمىنوف قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىگە قىلىۋاتقان بارلىق ياخشىلىقلىرىنى ئەنە شۇ ساياھەت داۋامىدا كۆرگەنلىكىنى، ئارال رايونىدا ياشاۋاتقان ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ پەيدا بولغان بارلىق ئېغىرچىلىقلارنى بىللە تارتىپ،  ھالاۋەتنىمۇ بىللە كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمائىل ئىمىنوف 1959-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ جامبۇل ناھىيىسىگە قاراشلىق قاراغالى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەپ، كېيىنكى يىللىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئى. ئىمىنوف «ئەزىزانە قەشقەر»، «مېنىڭ بالىلىقىمنىڭ بۇلاقلىرى»، «ئۇلۇغ چوقاننىڭ كارۋان يولى بىلەن»، «ئالتەشەرگە ساياھەت» ناملىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى.

2014-يىلى ئۇ قازاقىستان مىللىي جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە ئۇيۇشتۇرغان ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىسىنى باشقۇرغان. يازغۇچىنىڭ كىتابلىرى قازاق، رۇس، ئۇيغۇر تىللىرىدا يورۇق كۆردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت