ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن چاغان بايرىمىغا ئۇيغۇرلار نارازىلىق بىلدۈردى

0:00 / 0:00


ئىستانبۇلنىڭ مالتەپە ۋە باكىركۆي ناھىيەسىدە خىتاي كونسۇلخانىسى ئۆتكۈزگەن چاغان پائالىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر پائالىيەتكە قارشى نارازىلىق پىكىرلىرىنى بايان قىلىشقان بولسا، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن ھەمكارلاشقان شەھەر باشلىقلىرىغا نارازىلىق مەكتۇپى يولىدى.

بىر شەھەر باشلىقى مەكتۇپقا جاۋاب قايتۇرغان بولسىمۇ، چاغان پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئاقلىغان. يەنە بىر شەھەر باشلىقى نارازىلىق مەكتۇپىغا ئىنكاس قايتۇرمىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىستانبۇلنىڭ باكىركۆي ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق پائالىيەتنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى بىلەن باكىركۆي ناھىيىسىنىڭ شەھەر باشلىقى بۈلەنت كەرىمئوغلى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ پائالىيەت بېيجىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە خىتاي كونسۇلى گۇ جىڭچى ۋە باكىركۆي شەھەر باشلىقى بۈلەنت كەرىمئوغلى قاتناشقان. پائالىيەت جەريانىدا خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان كۆرگەزمە ئېچىلغان.


باياناتتا خىتاي ۋەكىللىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرى توغرىسىدا ھېساب سوراشنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا بۇنداق بىر سورۇن ھازىرلانغانلىقى ئەيىبلەنگەن ۋە مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستاندا ھەر كۈنى زۇلۇم ۋە بېسىمنى كۈچەيتىۋاتقان ئىشغالىيەتچى خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھېچ بېسىم يوقتەك مۇئامىلە قىلغان مالتەپە شەھەر باشلىقى ئېلى قىلىچ ۋە باكىركۆي شەھەر باشلىقى بۇلەنت كەرىمئوغلىغا نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.

مالتەپە شەھەر باشلىقى ئېلى قىلىچ ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ مەكتۇپىغا شۇ كۈنى جاۋاب يازغان.

ئېلى قىلىچ ئەپەندى مەكتۇپتا ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قەيەردە بىر زۇلۇم بولسا ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەيدانىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر شەھەر باشلىقى ئىكەنلىكىنى، خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تىنچلىق ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىق ئۈچۈن بەزى پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

مالتەپە شەھەر باشلىقىنىڭ جاۋاب مەكتۇپى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.

مەكتۇپتا دېيىلگەن: ئالدى بىلەن، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمغا قارشى سۈكۈتتە قالدى دەپ ئەيىبلىشىڭلار مېنى قاتتىق رەنجىتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن. دۇنيانىڭ قەيەردە بولسا بولسۇن، يۈز بەرگەن پاجىئەلەرگە سۈكۈتتە قىلىش مېنىڭ مەيدانىم بولالمايدۇ. بۇ ھەقتە بىر تۈركۈم خاتا سىياسەتلەرنىڭ خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىققا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

مەكتۇپتا يەنە، مالتەپەدە خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشتىكى سەۋەبلەرنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېيىلگەن: مالتەپەدە ئۇيۇشتۇرغان خىتاي باھار بايرىمى پائالىيىتى ئۈچۈن دۇنيانىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن كەلگەن مېھمانلارغا تۈرك مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدۇق. شەرقىي تۈركىستانلىق دۇنيا جانبازلىق چېمپىيونى بولغان ياش ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بۇ پائالىيەتنىڭ شەرەپ مېھمانلىرى بولدى. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆرسەتكەن ماھارەتلىرىنى قوشۇمچە ئەۋەتكەن رەسىملەردىن كۆرەلەيسىلەر.

2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يەنە مالتەپە شەھەر باشلىقى ئېلى قىلىچنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى مالتەپەدىمۇ بۇ خىلدىكى بىر پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتايلار بۇ پائالىيەتلەردە ئويۇن كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قىسىم سېركچى ۋە جانباز ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كەلگەن.

18 - فېۋرال «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» بۇ ھەقتە بىر نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، باياناتنى باكىركۆي ۋە مالتەپە شەھەر باشلىقلىرىغا ئەۋەتكەن.

جەمئىيەت ئېلان قىلغان باياناتتا، ئۇيغۇر ئېلىدا ھېچكىمنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى، مۇشۇنداق بىر پەيتتە مالتە ۋە باكىركۆي شەھەر باشلىقلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

مالتەپە شەھەر باشلىقى خىتاي ھەيئەتلەر بىلەن بىللە
مالتەپە شەھەر باشلىقى خىتاي ھەيئەتلەر بىلەن بىللە


مالتەپە شەھەر باشلىقى مەكتۇپتا يەنە، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋىجدانىنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمغا ئۇچرىغان ھەر بىر قېرىندىشىم ئۈچۈن ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتىمەن. ئەمما ئىككى مەسىلىنى بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك. بىز مالتەپەدە تىنچلىق، قېرىنداشلىق، خۇشاللىق مۇھىت يارىتىمىز دەپ يولغا ئاتلاندۇق. مالتەپە ناھىيىمىزنى پۈتۈن ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتلەردىن تەركىپ تاپقان بىر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايمەن. بۇ ھەقتە ھەر بىر ۋەتەنداشنىڭ قوللىشى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. ھۆرمەت بىلەن مالتەپە شەھەر باشلىقى ئېلى قىلىچ.

باكىركۆيدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قارىتا ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات تور بېتىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر تورنىڭ باشقۇرغۇچى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: 1949 - يىلدىن بۇيان تۈرك ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان مۇسۇلمان تۈركلەرگە بېسىم، زۇلۇم، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە، تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى باكىركۆي شەھەر باشلىقىنىڭ كۆرسەتكەن يېقىنچىلىقى، ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ بېسىم ۋە زۇلۇمىدىن قېچىپ ئۆز يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قايغۇلاندۇرىدۇ ۋە غەزەپلەندۈرىدۇ.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ھەر زامان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىشنى داۋا قىلىپ كېلىۋاتقان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە پارتىيىگە تەۋە باكىركۆي شەھەر باشلىقىنىڭ، بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ۋە ھەر قانداق چۈشەنچە بېرىپ ئۆزىنى ئاقلىشى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى بېسىم، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن خىتايغا بىر مۇكاپات بېرىلگەنلىك دەپ باھا بېرىمىز.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئازادجان بۇغرا ئەپەندى خىتاينىڭ بۇنداق پائالىيەت ئارقىلىق كۆزلىگەن سىياسىي مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.