ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدىكى قانلىق تېررور ھۇجۇمىدا ئۈچ يېرىگە ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇر ئابدۇلھەكىم بۇغدانىڭ جىنازا نامىزى 30 - ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن زەيتىنبۇرنۇ ئامىنە ئىنانچ جامىسى ئالدىدا ئوقۇلدى. ئۇنىڭ جىنازىسىغا تۈرك بايرىقى يېپىلدى.
زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن، تۈرك ھاۋا يوللىرى مۇدىرى تەمەل كوتىل، تۈرك ھاۋا يوللىرى ئىدارىسى باشلىقى ئىلكەر ئايجى، ئابدۇلھەكىم بۇغدانىڭ ئاكىلىرى ئەسقەر بۇغدا، ئەخمەت بۇغدا، ئىقبال بۇغدا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، شۇنداقلا زەيتىنبۇرنۇ ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك قاتارلىق ھەر مىللەت كىشىلىرىدىن بولۇپ، نەچچە مىڭ كىشى ئابدۇلھەكىم بۇغدانىڭ مېيىت نامىزىغا ئىشتىراك قىلدى.
بىز، ئابدۇلھەكىم بۇغدا ۋە بۇ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. ئۇنىڭ ئائىلىسىگە شۇنداقلا مۇسىبەتكە ئۇچرىغان بارلىق ئائىلىلەرگە سەبرە تىلەيمىز.
بىز ئابدۇلھەكىم بۇغدا توغرىسىدا ئۇنىڭ قوشنىسى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ۋە مەرھۇمنى ياخشى تونۇيدىغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن تىبەت يۈجەكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇلھەكىم بۇغدانىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان مۇھاجىر ئائىلە بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت ئاكىسى بار ئىكەن. مەرھۇم ئابدۇلھەكىم 1991 - يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ ھەربىي ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن كېيىن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ خىزمەت قىلغىلى 2 ئاي بولغان ئىكەن.

تېررورلۇق ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكلىرى ئېنىقلاندى
ئىستانبۇل ئايرودرومىدا مەيدانغا كەلگەن بومبا بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇم قىلىپ 44 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان 239 كىشىنى يارىلاندۇرغان ئۈچ تېررورچىدىن ئىككىسىنىڭ ئىسىم كىملىكلىرى ئېنىقلاندى.
بۇ ھۇجۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورچىلاردىن بىرسىنىڭ ئىسمى ۋادىم ئوسمانۇف، يەنە بىرىنىڭ بولسا راكىم بۇلگارۇف ئىكەنلىكى، رۇسىيە پاسپورتى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا بىر ئۆينىڭ بىر يىللىقىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۆي ئىجارىگە ئېلىش ئۈچۈن ئۆي - مۈلۈك شىركىتىگە بەرگەن پاسپورت كوپىيەسىدىن بۇ قانلىق ھۇجۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
ئىجارىگە ئالغان ئۆيگە يېقىن ئەتراپتىكى بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ساقچىلار بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ شۇ كۈنى كەچ سائەت 8:35 تە ئۆيدىن چىققانلىقىنى ۋە ئۆيگە يېقىن ئەتراپتىكى ئەخلەت ساندۇقىغا بىر نەرسىنى ئاتقانلىقىنى بايقىدى. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تېررورچىلار ھۇجۇم نىشانىنى پىلانلىغان كومپيۇتېرنى مىخ قېقىش ئارقىلىق قاتتىق دىسكىسىنى بۇزۇۋېتىپ، ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەن. ساقچىلار كومپيۇتېردىكى ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا ئىكەن.
ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 44 كە يەتتى
بۇ ۋەقەدە يارىلانغانلاردىن 25 ياشلىق ياسىن ئۆجال جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بۇ قانلىق ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 44 كە چىقتى.
ئىستانبۇلدا 16 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
ساقچىلار ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدىكى قانلىق تېررور ھۇجۇمىغا ئالاقىدار ئىستانبۇلنىڭ 16 جايىدىكى ئادرېسقا ئوخشاش ۋاقىتتا باستۇرۇپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە 3 چەتئەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 كىشى تۇتقۇن قىلىندى. ھازىر ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ كىشىلەر ئۈستىدىن تەپتىش قىلىنماقتا ئىكەن.