تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرى كۈندىن - كۈنگە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە كېڭىيىپ داۋام قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى نامايىش، يىغىن، مۇراسىم، دۇئا قىلىش ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل پائالىيەتلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ.
11 - يانۋار يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خىتاي زۇلۇم ۋە بېسىملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىش ئانادولىيە ياشلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قوللاپ ھەمكارلاشتى.
نامايىشچىلار بىردەك،«ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!، شەرقىي تۈركىستان يالغۇز ئەمەس، ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان. ھەق - ھوقۇق ئادالەت، تۈركىستانغا ھۆررىيەت، تۈركىيە ئۇخلىما، شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىق!» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلىدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنىڭ داۋامىدا، تۈركىيە ۋە ئسىلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركسىتانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خىتاي ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرىتىپ بۇ توغرىدا بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
كېيىن ھەر خىل شۇئار توۋلاشلار داۋام قىلدى. ئانادولىيە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئابدۇلۋاھىت يۈجەل ئەپەندى، شۇنچە بېسىم ۋە زۇلۇم بولۇۋاتسىمۇ، يەنە رەببىم ئاللاھ دېيىشنى داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە سالام يوللاش بىلەن سۆزۈمنى باشلايمەن، دېدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنى ئۆزىگە شۇئار قىلغان ئانادولىيە ياشلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىمپېرىيالىزمغا قارشى بولغان بايرىقىمىزنى ئىگىز كۆتۈرىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش پائالىيەتلىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ.»
ئاخىرىدا ئانادولىيە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باياناتى ئەخمەت ياسىن ئەپەندى تەرىپىدىن ئوقۇلدى.
ئانادولىيە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئەخمەت ياسىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا 40 مىليون ئىنساننى يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. مەيلى ئەركىنلىك شۇئار توۋلايدىغان غەرب ئەللىرى بولسۇن، مەيلى ئىسلام دۇنياسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ نالە - پەريادىغا قۇلاق سالمايۋاتىدۇ. بىر خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، دىن ۋە ئەركىنلىكلىرى پايدا - مەنپەئەت يولىدا قۇربان بولۇۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز قىممەت قاراشلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ، تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتىدۇ ۋە سۈرگۈن قىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتى يېقىندا ئىجرا قىلىشنى يولغا قويغان چەكلىمىلەر بىلەن نەچچە مىليون مۇسۇلمان ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستاننى خۇددى جازا لاگىرىغا ئايلاندۇردى. دۆلەت ئىدارە - جەمئىيەتلەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ناماز ئوقۇشىنى، روزا تۇتۇشىنى، ساقال قويۇش ۋە ياغلىق ئارتىشنى چەكلىدى.»
نامايىش شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلارغا دۇئا ئوقۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.
جۈمە كۈندىن بۇيان يەنە، تۈركىيىنىڭ 53 شەھىرىدە بامدات نامىزىدىن كېيىن مەسچىت ۋە جامىئىلەردە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن دۇئا ئوقۇلدى.
ئىستانبۇلنىڭ سارىيەردىكى ھەيدەر ئەلىيۇف باغچىسىغا توپلانغان نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىغىچە ئىككى كىلومېتىرلىق مۇساپىنى پىيادە بېسىپ يۈرۈش قىلدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ناماز ئوقۇش، ياغلىق چىگىش، ئەزان ئوقۇشقا ئوخشاش دىنىي ئىبادەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىكىگە قارشى، تۈركىيىدە 48 شەھەردە، قىبرىستا، بوسنىيىدە، بىلگىيىدە ۋە گېرمانىيەدە ۋە غەززىدە ئوخشاش ۋاقىتتا جامئىلەردە دۇئا قىلىش ۋە مەيدانلاردا نامايىش قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىش جەريانىدا خىتاي زۇلۇمىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى. ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى. بولۇپمۇ 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا دىنىي ئىبادەت قىلىشنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلدى.

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئىبادەتلەرنى چەكلەش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نۇرىنى ھەرگىزمۇ سۇندۇرالمايدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى، ۋىجدانى بولغان ھەر بىر ئىنساننى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.
ئانادولىيە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئابدۇلۋاھىت يۈجەل ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئىسلام دۇنياسىنى ۋە دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشقا، شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى.