تۈركىيە رەھبەرلىرى ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.01.12
istanbulda-partlash-ehmet-exmet-sultan-jami.jpg سۇلتانئەخمەت جامەسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، ساقچىلار نەق مەيداننى ساقلىماقتا. 2016-يىلى 12-يانۋار، ئىستانبۇل.
AFP

12-يانۋار كۈنى ئەتىگەن تۈركىيە ۋاقتى ئون يېرىم ئەتراپىدا ئىستانبۇلنىڭ تارىخىي ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان سۇلتانئەھمەت مەيدانىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە 11 كىشى ئۆلدى، 15 كىشى يارىدار بولدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، قازا تاپقانلارنىڭ كۆپى گېرمانىيە پۇقراسى ئىكەن.

تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بومبا پارتلاتقان تېررورچىنىڭ سۈرىيەلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلدا سۇلتانئەھمەت مەيدانىدا يۈز بەرگەن، سۈرىيەلىك بىر تېررورچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك بومبا پارتلىتىش ۋەقەسى دەپ قارىلىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇمنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىمنى ئىپادىلىمەكچىمەن. مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 10 ئەتراپىدا بولۇپ، 15 ئەتراپىدا يارىدار بار، بۇلار چەتئەللىك ۋە يەرلىك كىشىلەردىن ئىبارەت. مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەبىر تىلەيمەن. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تېررورلۇق ۋەقەسىگە چېتىشلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە شەخسلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېنىقلاپ چىقىمىز.»

تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بولسا، بومبا پارتلاتقان تېررورچىنىڭ دائېش تېررور تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئاخبارات باياناتىدا تېررورلۇقنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىرغىچە پ ك ك، دائېش ۋە ئەلقائىدە تېررور تەشكىلاتىغا ۋە پۈتۈن تېررور تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئىزچىل ھالدا كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىمىز. يېقىنقى يىللاردىن بېرى سۈرىيەدىكى مۇقىمسىزلىق، ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان دەمەشق ئىراق ئىسلام دۆلىتى تېررورچىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، دۆلىتىمىزدە ۋەھشىيلەرچە پارتلىتىش ۋەقەسى ئېلىپ بارماقتا. ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان پارتلىتىش ۋەقەسىدە كۆپ ساندا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىز بۇ ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان ھۇجۇمنى يەنە بىر قېتىم نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيمىز. ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېررورغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىشقا چاقىرىمىز.»

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «پودەم» نىڭ باشلىقى پەكەر ئەپەندى دائىش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىنىڭ دۇنياغا قورقۇنچ يېيىش ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىنسانىي جەھەتتىن ناھايىتى ئېچىنىشلىق، چۈنكى ئىنسانلار ئۆلىدۇ. تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن بىگۇناھ ئادەملەر ئۆلدى. بۇ تېررورلۇقنى ساياھەتچىلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىشى دۇنياغا تېررورلۇق قورقۇنچى يېيىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. تېررورچىلارنىڭ مەقسىتى پۈتۈن دۇنيادا قورقۇنچ پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ تۈركىيەدە ئىستانبۇلدا مەيدانغا كېلىشى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ مەنپىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەممە جەھەتتىن ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە، قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

ئىستانبۇلنىڭ داڭلىق ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان سۇلتانئەھمەت مەيدانىدىكى تېررورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بىگۇناھ ئىنسانلارنى نىشان قىلغان بۇ تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ،مەزكۇر تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە 10-ئاينىڭ 10-كۈنى يۈز بەرگەن قانلىق پارتلىتىش ۋەقەسىدە 112 كىشى قازا تاپقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.