يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش رايونىدىكى رېينا كېچىلىك كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 39 كىشىگە ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە 74 كىشىنى يارىلاندۇرغان تېررورچى قېچىپ كەتكەن بولۇپ، تۈركىيە ساقچىلىرى ھەر تەرەپنى ئىزدەش ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تۇتۇپ سوراق قىلىش نەتىجىسىدە 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23 تىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە ئەسەنيۇرتتىكى بىر بىنادا يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئۆيگە بېسىپ كىرىپ ئۇنى تۇتقۇن قىلدى.
بۇ ھەقتە ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ۋە ساقچى باشلىقى مۇستافا چالىشقان ئەتىگەن سائەت 10:30 دە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تېررورچىنىڭ تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەردى.
ۋالىي ۋاسىپ شاھىن ئەپەندى، تېررورچىنىڭ ئۆزبېكىستانلىق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، بارماق ئىزىنىڭ ماسلاشقانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمنىڭ دائىش نامىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ۋاسىپ شاھىن مۇنداق دېدى: «يېڭى يىل كېچىسى ئورتاكۆي رايونىدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبىدا قانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. 39 كىشىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان قاتىلنى تۇتۇش ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسى قاتتىق چىدامچانلىق بىلەن ھارماي-چارچىماي خىزمەت ئىشلىدى ۋە تۈنۈگۈن كېچە بۇ قاتىلنى قولغا چۈشۈردى. تېررورچى تۆت خىل تىل بىلىدۇ.»
ۋالىي شاھىن تېررورچىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كود ئىسمى ئەبۇ مۇھەممەد خوراسانى دەپ ئاتىلىدىغان ئەسلى ئىسمى ئابدۇقادىر ماشارىپوف 1983-يىلى ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغان، ئافغانىستاندا تەلىم ئالغان، 4 خىل تىل بىلىدىغان ياخشى يېتىشتۈرۈلگەن بىر كىشى، بىر تېررورچى. دۆلىتىمىزگە 2016-يىلى 1-ئاي ئىچىدە قانۇنسىز كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.»
ۋالىي شاھىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار تېررورچىنى تۇتۇش ھەرىكەت جەريانىدا 7 مىڭ 200 سائەتلىك سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈپ چىققان، 2 مىڭ ساقچى ۋەزىپە ئۆتىگەن. كونىيا، ئىزمىردىمۇ ئىستىخبارات شۆبىلىرىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئورتاقلىشىپ بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان.
تېررورچى دەسلەپتە ئىستانبۇلنىڭ باشاقشەھەر رايونىدا بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان كېيىن يەنە ئۆزىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىككى ئۆي ئالماشتۇرغان. ۋەقە سادىر قىلغان كۈنىمۇ زەيتىنبۇرنۇدىن كېلىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.
ۋالىي شاھىن تېررورچى بىلەن قولغا چۈشكەن ماددىي بۇيۇملار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ساقچىلىرىمىز بەك كۆپ ئەمگەك سىڭدۈردى. 152 ئۆيدە ئاختۇرۇش ئېلىپ باردى. 50 كىشى تۇتۇلدى. تېررورچى بىلەن بىرلىكتە 197 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ئىككى دانە تاپانچا ۋە ئوق-دورا، بىرى ئۈنسىز تاپانچا، بىر قانچە دانە تېلېفون كارتىلىرى قولغا چۈشتى. تېررورچى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى، بارماق ئىزلىرىمۇ تېررورلۇق قىلغان يەردە قالغان ئىز بىلەن ماسلىشىدۇ. تېررورچى توغرىسىدا بىر مىڭ 200 ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئېلىندى.»
تېررورچى يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئۆيدىن بىر ئەر ۋە ئۈچ نەپەر ئايالمۇ تۇتۇلغان بولۇپ، ئەرنىڭ ئىراقلىق ئىكەنلىكىنى، ئاياللارنىڭ بىرىنىڭ سومالىلىق، يەنە بىرىنىڭ سېنېگاللىق، يەنە بىرىنىڭ مىسىرلىق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى دائىش دېگەن تەشكىلاتقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئىستانبۇلغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ۋالىي شاھىن سۆزىدە يەنە تېررورچىنىڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا چوقۇم بىر كىملەرنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى، سوراق ئىشلىرى تاماملانغاندىن كېيىن شېرىكلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدا بۇ قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا تېررورچىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقىلىپ كەتتى. ھېچ قانداق دەلىل-ئىسپات يوق، ئاساسسىز تارقالغان بۇ خەۋەرلەر بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى گۇمان ئاستىغا تاشلاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ، مەتبۇئاتلارغا رەددىيە قايتۇردى ۋە بىر قىسىم ژۇرنالىستلارنى تەنقىد قىلدى. ھەتتا بىر كىشىنىڭ تېررورلۇق قىلىشى بىلەن ئومۇمىي بىر خەلقنى ياكى بىر مىللەتنى قارىلاش، ئەيىبلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن تەكىتلەپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى، ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ چۈشلۈك پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، تېررورچىنىڭ تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارىلاپ ئۇچۇر تارقاتقان مەتبۇئاتلارنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلدى ھەم تۈركىيەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنى ئىككىنچى ۋەتىنى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.