ئىستانبۇلدىكى رېينا قەتلىئامىنى سادىر قىلغۇچى قاتىل توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدا بىر كېچىلىك كۇلۇبقا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ 39 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتكەن ۋە 17 كۈندىن كېيىن ئىستانبۇلنىڭ ئەسەنيۇرتتىكى بىر ئائىلە قورۇسىدا تۇتۇلغان ئۆزبېكىستانلىق قاتىل ئابدۇقادىر ماشارىپوفنىڭ قاتىللىق قىلىش بۇيرۇقىنى سۈرىيەنىڭ راققادىكى كاتتىۋېشىدىن ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ساقچىلار ئۆيگە باستۇرۇپ كىرگەندە ئابدۇقادىر ماشارىپوف ياتاقنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ساقچىلارنى كۆرگەن ھامان مېنى ئۆلتۈرمەڭلار دەپ ۋارقىرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. قاتىلنىڭ ساقچىلارغا بەرگەن ئىپادىسىدە ھۇجۇمنى قانداق ئېلىپ بارغانلىقى، قانداق كۆزىتىش ئېلىپ بارغانلىقى، ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى ئايرىم-ئايرىم تەپسىلىي ئاڭلاتقان.

خەۋەرلەردە قاتىل قاچقاندىن كېيىن 4 ياشلىق ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ قاچقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما تۇتۇلغان ۋاقىتتا ئوغلى يېنىدا يوق ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر قاتىلنىڭ ئوغلىنى دائىشنىڭ باشقا بىر مەخپىي ئۆيىگە ئەۋەتكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا. قاتىل ئابدۇقادىر ماشارىپوفنىڭ ئايالى ۋە قىزى ئۆتكەن ھەپتە پەندىكتە بىر ئۆيدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

قاتىلنىڭ ئەسلى نىشانى تاكسىم مەيدانىنى قانغا بوياش ئىدى

ئوتتۇراشەرق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، قاتىل ئابدۇقادىر ماشارىپوفنىڭ ساقچىلارغا ئىقرار قىلغان بىر قىسىم مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. قاتىل ماشارىپوف يېڭى يىل كېچىسى تاكسىمدا قانلىق ۋەقە سادىر قىلىش ئۈچۈن راققادىكى دائىش تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ كاتتىۋېشىدىن بۇيرۇق ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قاتىل ئابدۇقادىر ماشارىپوف «تاكىسمغا باردىم، ئەمما ساقچىلار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تولۇق ئالغان ئىكەن. ماڭا بۇيرۇق بەرگەن كىشى بىلەن يېڭىدىن ئالاقە قىلدىم. رايوندا يېڭى بىر ھۇجۇم نىشانى ئىزدىشىمنى تەلەپ قىلدى. دېڭىز بويىدا تاكسى بىلەن ئايلاندىم، رېينا كېچىلىك كۇلۇبى مۇۋاپىق كۆرۈلدى. راققادىكى كىشىدىن سورىدىم، مۇۋاپىق كۆردى» دېدى.

ئىستانبۇلدىن قېچىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن

ئەسەنيۇرتتىكى ئۆينىڭ دائىش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كىشىلەرنى يۆتكەش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇن قىلىپ قوللانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. قاتىل ماشارىپوفنىڭ ئىستانبۇلدىن كېتىشنى پىلانلىغانلىقى، بىر كىشىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قاتىل ماشارىپوفنىڭ ساقچىغا بەرگەن ئىقرارنامىسىنىڭ بىر قىسمى يېڭى شافاق گېزىتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىندى. ئىقرارنامە ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «2016-يىلى 1-ئايدا تۈركىيەگە كەلگەندە كونياغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇ يەردە 1 يىلغا يېقىن قالغان، بۇ جەرياندا راققادىكى كاتتىۋېشى بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەت قۇرۇپ ئۇچۇر ئالماشتۇرغان. يېڭى يىل كېچىسى تاكسىمدا ئادەم بومبا بولۇپ ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇق بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىستانبۇلغا كەلگەن، تاكسىمدا ۋىدىئوغا ئالغان سىن كۆرۈنۈشىنى راققىغا ئەۋەتكەن، راققادىكى خوجائاكا لەقىمى بار كىشى ۋە ياردەمچىسى مۇۋاپىق كۆرگەن. تاكسىمدا ساقچىلار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ بۇ يەرنىڭ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان ۋە ئورتاكۆيدىكى رېينا كېچىلىك كۇلۇبنىڭ بىخەتەرلىك ساقچىلىرى يوقلۇقىنى كۆرۈپ ئۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ۋە قەتلىئام قىلغان.»

قاتىلنىڭ ساقچىلارغا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ۋەقەدىن كېيىن قاتىل راققا بىلەن ئالاقە قىلغان ۋە بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ جىم تۇرۇشنى كونيادىكى دائىش ئەزاسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېيىن ئەسەنيۇرتتىكى ئۆيگە ئېلىپ بارغان ئەلى مۇھەممەد جەمىل ئىسىملىك ئىراقلىق بىلەن مۇناسىۋەت قۇرغان ۋە ئەسەنيۇرتتا ئۇنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە كەلگەن، ئۇ جەرياندا 4-5 ئۆي ئالماشتۇرغان، جەمىل ئىسىملىك كىشى ساقچىلارنىڭ كەڭ تۈردە ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى ئىجارىگە ئالغان ئەسەنيۇرتتكى تۇتۇلغان ئۆيگە يۆتكىگەن.

قاتىل ماشارىپوف ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمى بىلەن ئىستىخبارات ئالاھىدە ئانالىز بۆلۈمى ئۇنى سوراق قىلغان. سوراق قىلىش جەريانىدا قاتىلنىڭ ھەر بىر سۆزىنىڭ راست-يالغانلىقى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان.

قاتىل باشتا تۈركچە سوراق قىلىنغان، قاتىل تۈركچىنى ئاز بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئىنگلىزچە سورالغان، ئۇنىڭغىمۇ جاۋاب بېرەلمىگەندىن كېيىن، رۇسچە سوراق سورىغان، قاتىل ماشارىپوف رۇسچە سوراققا تىز-تىز جاۋاب بەرگەن، سوئال-سوراق تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.