پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھال سورىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.12.26
Parlament-ezasi-Fahrettin-Yoqush.jpg پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا 270 كىلومېتىر يول يۈرۈپ بېرىپ ھال سورىدى. 2018-يىلى 24-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان 9 ئۇيغۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىش ئۈچۈن 15-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ئىدى. بۇلارنىڭ سانى يولدا قوشۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن 30 دىن ئاشتى. 24-دېكابىر كۈنى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى 270 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بولۇپ شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارغا قوشۇلۇپ ماڭدى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بولۇپ شەھىرىدىكى «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ مېڭىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ بولۇپ ۋىلايىتىدىكى مەسئۇللىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە مۇخبىرلار قاتناشتى.

فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مەتبۇئات يىغىنىدا مۇنۇلارنى دېدى: «خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە تۈرلۈك بېسىم ئېلىپ بارماقتا. بۇ زۇلۇم 2014-يىلىدىن تارتىپ چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتتى. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زۇلۇم سىياسىتىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلىرىمىز خىلمۇ-خىل زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا. ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت ئاۋازىمىزنى ئاڭلارمۇ؟ دەپ يۈرىدۇ. ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۆز-قۇلىقىنى ئېتىۋالدى».

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان داۋاملىق ھالدا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، پەلەستىنگە ئىگە چىقىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمەيدۇ، بۇ ھازىر تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەنقىد قىلىدىغان بىر تېمىغا ئايلاندى. پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىمۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دۆلەت رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ دەردىمىز شۇ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەت تراگېدىيەسى بار. دۆلەت رەئىسىمىز تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نەتەنياھۇغا تېلېۋىزىيەلەردە بەك ياخشى ۋارقىراۋاتاتتى. نېمە دېگەن ياخشى، خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر سەن بۇ دۆلەتنىڭ رەئىسى ئىكەنسەن، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟ ئۇيغۇرلار سېنىڭ ھەم دىندىشىڭ ھەم قان-قېرىندىشىڭ. نېمىشقا، ھەي خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستانلىققا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنى نېمىشقا توختاتمايسەن دېمەيسەن؟ بىز ئىيى پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ قەيىرىدە ئېزىلگەن خەلق بولسا ئۇنىڭغا ئىگە چىقىمىز».

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بولىدۇكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئېلى ئەكبەر باشچىلىقىدىكى 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بىلەن بىرگە ئەنقەرەگە قاراپ بىر قانچە كىلومېتىر پىيادە يۈرگەندىن كېيىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئەنقەرەگە قايتقان.

ئېلى ئەكبەر ئەپەندى دۈشەنبە، يەنى 24-دېكابىر كۈنى ئىيى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە بولۇپ شەھىرىدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە، ئۆزلىرىنىڭ 25-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ بولۇپ شەھىرىدە كۆپ ساندىكى پارتىيەلەرنىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، ھەر قايسى پارتىيە ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

60 ياشتىكى ئابلىكىم ئابدۇئېزىز ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن «چارچىدىڭلارمۇ؟» دەپ سوراۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ داۋادىن ئالغان روھىي ئوزۇق بىلەن ھارغىنلىق ھېس قىلمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

11 كۈندىن بۇيان قار ۋە سوغۇققا قارىماي كېچە-كۈندۈز ئەنقەرەگە قاراپ مېڭىۋاتقان شەمشىنۇر خانىم يول بويى تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى نۇرغۇن كىشىگە ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلىش كارۋىنى ئەسلىدە 9 كىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، يولدا قېتىلغانلار بىلەن ئۇلارنىڭ سان ھازىر 30 غا يەتكەن. پىيادە يۈرۈش كارۋىنىنىڭ يېتەكچىسى ئېلى ئەكبەر ھاجىم يەنە بۇ پىيادە يۈرۈش كارۋىنىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇندىن كېيىنكى پىلانى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.