توكيودا جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.11.02
jenubiy-mongghuliye-qurultiyi.jpg چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلاش پائالىيىتىنىڭ كۈن تەرتىپى.
RFA/Qutluq

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگە قەدەر توكيوغا جەم بولۇپ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلايدىكەن.

ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئەركىنلىك بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم جەنۇبىي موڭغۇلىيە تەشكىلاتلىرى توكيودا بىرلىكتە يىغىن چاقىرىپ جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇش تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئولخۇنۇد دايچىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇشۇ ئاينىڭ-9-كۈنىدىن12-كۈنىگىچە قەدەر توكيودا يىغىن چاقىرىپ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلايمىز. قۇرۇلتىيىمىزنىڭ مەركىزى توكيودا بولىدۇ» دېدى.

ئولخۇنۇد دايچىن سۆزىدە: «قۇرۇلتىيىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەقسەت، خىتاي كومپارتىيەسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتاۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇللارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى، گۈزەل ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ-دەريا، يايلاقلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىنىپ ئېغىر ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، چەتئەللەردە ۋەتەن داۋاسى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم تەشكىلاتلىرىمىز بىرلىشىپ پەقەتلا بىر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئىتتىپاقلىشىش. بىز مانا مۇشۇ مەقسەتتە جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنى قۇردۇق» دېدى.

ياپونىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان جەنۇبىي موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىككى يىل ئاۋۋال ياپونىيەدىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىغان ۋە بۇ تەشكىلاتلار تارقاق ھالەتتە پائالىيەت بېرىشقا خاتىمە بېرىش، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىشنى نىشان قىلىشنى شوئار قىلىش ئاساسىدا مەزكۇر قۇرۇلتاينى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدىكەن.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇش تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئولخۇنۇد دايچىن سۆزىدە يەنە، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شۇنداقلا تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «دۇنيادىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قۇرغان تەشكىلاتلىرى بىزنىڭمۇ ئۆز ئالدىمىزغا قۇرۇلتاي قۇرۇشىمىزغا سەۋەبچى بولدى. شۇڭا بىز بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىمىزغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىدىن ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىپ تەكلىپ يوللىدۇق» دېدى.

توكيودا چاقىرىلىدىغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلىتىيىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىدىغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ قۇرۇلۇشى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتايغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدىكەن.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى توكيودا چاقىرىلىدىغان قۇرۇلتايغا ياۋروپا ئەللىرى، ئامېرىكا، تەيۋەن ۋە ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردىن بىر قىسىم نوپۇزلۇق ۋەكىللەر قاتنىشىدىكەن شۇنداقلا قۇرۇلتاي جەريانىدا نۆۋەتتە جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم جەنۇبىي موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى قانۇن دائىرىلىرى مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋە قۇرۇلتاينى ئېچىشىغا ياردەملەردە بولۇۋاتقان چەتئەللەردىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرنىڭ ۋەتىنى ئىچىدىكى ئائىلە ‏تاۋابىئاتلىرىغا تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملارنى قىلىشقا باشلىغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.