ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.11.16
jumhuriyet-kuni-2014-amerika-fairfax.jpg 15-نويابىر كۈنى ئېىلپ بېرىلغان جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
Photo: RFA


ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 15 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون يېنىدىكى فەيىرفاكىس شەھىرىدە ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 1933 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 81 يىللىقى ۋە 1944 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

فەيىرفاكىس شەھىرىدىكى ئامېرىكا - تۈرك دوستلۇق بىرلەشمىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف رىياسەتچىلىك قىلدى. خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى بۇ شەرەپلىك كۈن بىلەن تەبرىكلىدى ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش يولىدا جان - پىدا قىلغان پىداكارلارنىڭ روھىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىر خانىم نۇتىقىدا يەنە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆملۈك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتىدە 1944 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەمدە ھەرەمباغ قاتارلىق جايلاردىكى جەڭلەرگە قاتناشقان تارىخىي شاھىد ئەدھەمجان ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلەرنى، بولۇپمۇ خەلقنىڭ ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان يۇقىرى كەيپىياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

جۇمھۇرىيەت پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى سۈپىتىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش،ئاخىرلىشىش تارىخى ۋە ئۇنىڭدىكى سەۋەب - ئامىللار ھەم تەجرىبە ساۋاقلار ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بېرىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن مەخسۇس دوكلات بەردى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى 1933 - يىلى ۋە 1944 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا تۇتقان ئورنى ھەمدە مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رولى ۋە شۇنىڭدەك ئىچكى تاشقى ئامىللار ھەققىدە توختالدى.

بۇ قېتىمقى جۇمھۇرىيەت كۈنىنىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇ بولدىكى، ئىككى جۇمھۇرىيەت تارىخى بويىچە مەخسۇس سوئال تەييارلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەركىن جاۋاب بېرىشىگە سۇنۇلدى، قىزغىن كەيپىياتتا سوئاللارغا جاۋاب بېرىلىش ئارقىلىق توغرا جاۋاب بەرگەنلەر ئىھاملاندۇرۇلدى.

يىغىن جەريانىدا يەنە ياشلارغا ۋاكالىتەن ياش سەنئەت ھەۋەسكارى ۋە ياشلار پائالىيەتچىسى جۈنەيدىن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. تۆت سائەت داۋاملاشقان مەزكۇر جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتى ئاخىرىدا پېشقەدەم تارىخى شاھىد ئەدھەمجان ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا، جۇمھۇرىيەت شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى. مەلۇمكى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر يىلى جۇمھۇرىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. كۆپ قېتىملىق پائالىيەتلەر خەلقارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ كېلىندى. جۇمھۇرىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلاندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.