كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى كانادا خەلقىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانلىق توقۇنۇشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2013.07.04
urumchi-bronewik-tanka-20130629.jpg ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا توختىتىلغان برونېۋىك ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار. 2013-يىلى 29-ئىيۇن.
Oqurmenler taminligen

بۇ يىل ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مارالبېشى، لۈكچۈن، خوتەن ۋە ئۈرۈمچى بەيگە مەيدانى قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى سادىر بولغان. بۇنىڭغا قارىماي خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىك جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي تەرەپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىگە تانكا قىسىملىرى يەرلەشتۈرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي جىم تۇرۇۋالغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەشكەن ۋە ياكى سۆزلەشمىگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىموفنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.