تورونتودا نامايىش: بارىن شېھىتلىرىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمىز!
2014.04.06
مۇشۇ ئاينىڭ 5 - كۇنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بارىن ۋەقەسىنىڭ 24 يىللىقىنى خاتىرىلەپ تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئەنە شۇ بارىن شەھىدلىرىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تورونتو شەھىرىدىكى بۇ نامايىش، ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ئابباس قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بارىن شېھىدلىرىنى خاتىرلەپ نامايىش قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى بارىن ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ 90 - يىللارنىڭ دەسلىپىدىكى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشىنىڭ بەلگىسى..»
نامايىشچىلار: «بىزگە مۇستەقىللىق كېرەك! شەرقىي تۈركىستانغا دېموكراتىيە كېرەك، بىزگە ئەركىنلىك كېرەك، بارىن شېھىدلىرىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمىز!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
كاناداغا يېڭىدىن ئولتۇراقلىشىپ تورونتو شەھرىدە تۇنجى قېتىم نامايىش قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان تاھىر ئەپەندىم نەق مەيداندا ئوز تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن تورونتودا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلىۋاتقانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. لېكىن مەن تورونتو شەھىرىدە ناھايىتى كوپ ئۇيغۇرلار ياشايدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ھەممەيلەننىڭ بۇ نامايىشقا تولۇق قاتناشمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندىم. چەتئەللەردە بىز ئاشۇ شېھىدلىرىمىزنىڭ جان پىدا قىلغانلىقى بەدىلىگە ياشاۋاتىمىز، ئەسلى ئۇلار ئۈچۈن توختىماي نامايىش قىلىشىمىز، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، نامايىشلارغا ھەممىمىز قاتنىشىشىمىز كېرەك ئىدى.»
نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 4 كىچە داۋاملاشتى.