تۈركىيەدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر رېستوران خوجايىنى كېرەم مامۇت شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.08
Kerem-Mamut.jpg ئاتاقلىق ئۇيغۇر رېستوران خوجايىنى كېرەم مامۇتنىڭ پاسپورتىنىڭ بىرىنچى بېتى.
Social Media

ئاتاقلىق ئۇيغۇر رېستوران خوجايىنى كېرەم مامۇت ئۆتكەن يىلى 31‏-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، سوراق قىلىنغان ۋە ئىزمىر قاتارلىق جايلاردىكى كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش ئورنىغا 3 ئايدەك قاماپ قويۇلغان. ئۇ تۈرك ئامانلىق ئورگانلىرى تەرىپىدىن نۆۋەتتە تۈركىيە قاماقخانىلىرىدا ياكى كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش ئورۇنلىرىدا يېتىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا ئوخشاشلا «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا باغلىنىشلىق»، دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

كېرەم مامۇتنىڭ خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ «تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىككى كىشى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلغان»، دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. دائىرىلەر ئۇنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق رۇخسىتىنى‏ (ئىقامىتىنى) بىكار قىلغان. بۇ، كىشىلەردە كېرەم مامۇت خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلەمدۇ قانداق؟، دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇ، تۇتۇپ تۇرۇلغان 3 ئايدەك ۋاقىت ئىچىدە دائىرىلەر ئۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق قانۇنىي ئەيىبلەشتە بولمىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل 25‏-يانۋار كۈنى تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلگەن.

بىز پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ زىيارەت قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشەلمىدۇق. ئاخىرى، ئۇنىڭ ئىنىسى ھامۇت ھاجىغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاكىسىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىمىز ئۈنۈملۈك جاۋابقا ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېرەم مامۇت قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ، ئاكىسىنىڭ تېلېفونىنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر تېلېفون نومۇرىمىزنى قويۇپ قويساق ئۆزىنىڭ بىزگە قايتۇرۇپ تېلېفون قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تېلېفون قايتۇرمىدى.

كېرەم مامۇت «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ بەك تۇيۇقسىز تۇيۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئۇنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىشى ئۇنىڭغا بەك يات بىر ئەيىبلەش» ئىكەن. كېرەم مامۇتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ دېتاللىرىغا دائىر كونكرېت تەپسىلاتلار بىزگە نامەلۇم. ئۇنىڭ تۈركىيەلىك ئادۋوكاتى لوقمان ئاكچاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ «تېررورلۇققا چېتىشلىق»، دەپ تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن «دائىرىلەر ئۇنىڭ تېررورلۇق گۇرۇھى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا دائىر تېخى ھېچقانداق بىر دەلىل كۆرسىتىپ باقمىغان». ئاكچاي «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ «ناھايىتى سىرلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

كېرەم مامۇت، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر رېستورانى «مىراج» نى قۇرغان كىشىلەرنىڭ بىرى. «مىراج» رېستورانى ئۆتكەن يىلى بېزەكلىرىنىڭ قويۇق مىللىي خاسلىقى سەۋەبلىك تاقىۋېتىلگەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ بەزى ئىگىلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. كېرەم مامۇتنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كېرەم مامۇت تۈركىيەگە كېلىپ قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ ئوغلىنى تۇتقۇن قىلىپ، 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «تۇنجى ئايالىدىن بولغان بالىسى ئابدۇسەمى شۇ ھازىر تۈرمىدە 17 يىل كېسىلىپ كەتتى. ئۇ بالا ۋەتەندە. ئۇ ئۆيلەنگەن، ئىككى بالىسى بار بالا ئىدى. ئۇ، 29-30 ياشلاردا بار ئىدى. ئۇنى 2018‏-يىلى كېسىۋەتتى، 2018‏-يىلى ئەتىيازدا تۈركىيەگە پۇل سالدىڭ دېگەندەك گەپلەر بىلەن. ئۇ بالا ۋەتەندە ئاشخانا ئېچىپ ئاشخانىسىنى ئىچكىرىگە، ئۈرۈمچىنىڭ نەچچە يېرىگە كېڭەيتىپ ئاشۇنداق قىلغان. شۇنچىلىك ئوبدان بىر بالا ئىدى. شۇنى تۇتۇپ 17 يىل كېسىۋەتتى قاراڭ». 

كېرەم مامۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتى دەل تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ دائىش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق، دەپ تۇتقۇن قىلىنغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئەھۋال تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى سەزگۈر بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر تۈركىيەدە دائېشچى دېسە ھەممە ئادەم راھەتسىز بولىدۇ. ئەگەر بىرىنى يامان كۆرسىتىمەن دېسە، ئۇنىڭغا دائېشچى، فەتۇللاھچى، دەپ بەتنام چاپلىسىلا سوت بۇنى قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى، تۈركىيەدە يېقىنقى 3-4 يىلدا بومبا پارتلاپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى. شۇڭا، دائېشچى، دېسە ھەم خەلقمۇ ئۆچ كۆرىدۇ ھەم دۆلەتمۇ چىڭ تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماۋۇ رېينا قەتلىئامىغىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار چېتىلىپ قالغان. . . . . . . . . . . شۇڭا، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى دائېشچى دېسە دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى». 

ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا خىتاي-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئەدلىيە كېلىشىملىرىنىڭ رولى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە قارىغاندا خىتاي بىرىنى تېررورچى، دەپ دوكلات تەييارلاپ تۈركىيەگە سۇنسا، تۈركىيە شۇ دوكلاتقا قاراپ، ئەگەر تېررورلۇققا چېتىشلىق بولۇپ قالسا تۇتىدۇ، سوراققا تارتىدۇ. ياكى سوتلايدۇ، دېگەندەك مۇشۇنداق ئەھۋالمۇ بار. ئەمدى تۈركىيە ئۈچۈن خىتايغا قېچىپ كەتكەن فەتۇللاھچىلار بار. تۈركىيەنىڭ شۇلارنى تۇتۇپ بەرسە دەيدىغان تەلىپى بار. شۇنىڭغا تۈركىيە خىتايغىمۇ دوكلات تەييارلايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ فەتۇللاھچىلارنى تېررورىست دېيىشى بىر ئاز قىيىن. شۇڭا، بۇ ئىشنىڭ باشلىنىشى ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىقتەك قىلسىمۇ، ئەمما بىر مەزگىل داۋام قىلسا ئويلىغاندەك بولماسلىقى مۇمكىن». 

ھازىر كېرەم مامۇت ئىستانبۇلنىڭ فاتىخ رايونىدا «كرورەن» ناملىق بىر رېستوران ئېچىپ، بۇ رېستوراننى ماڭدۇرماقتا ئىكەن. ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندا رېستوراننى ئۇنىڭ خىتاي ئايالى ۋاڭ يى ماڭدۇرۇپ كەلگەن. ۋاڭ يى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىگە يولدىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز بېشىدا بىر ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ، ئۇلار تېز ئارىدا ئېنىقلاپ چىقىدۇ، دەپ ئويلاپتۇق. بىراق ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىز ئىشلارنىڭ ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەسلىكىنى ئويلاشقا باشلىدۇق» دېگەن. 

تۈركىيە ھۆكۈمىتى كېرەم مامۇتنى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن تۇتقۇن قىلدىمۇ ياكى ئۇ تېلېفون ئالاقىسى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىندىمۇ بۇنىسى بىزگە مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر كېرەم مامۇت خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، ئۇ خىتاي تەرەپنىڭ تۈركىيە دائىرىلىرىنى ئۇنىڭ ھەققىدە ھەرقانداق بىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىگە نىسبەتەن گۇمان بىلەن قارايدىكەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بەزى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا چېتىشلىق، دەپ تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر بىرەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق بىر دەلىل يوق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.