ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن توي قىلغان پاكىستانلىق سودىگەرلەر بېيجىڭدا نامايىش قىلدى
2018.09.27
ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن توي قىلغان پاكىستانلىق سودىگەرلەر بېيجىڭغا بېرىپ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئايال-باللىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.
35 ياشلىق پاكىستانلىق سودىگەر مىرزا ئىمران بەگ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئايالى ۋە پەرزەنتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىلىۋېلىش لاگېرىغا سولاپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بېشىغا كەلگەنلىرىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىزا ئىمراننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئايالى 2017-يىلى 5-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندىن كېيىن پاكىستانغا قايتىپ كېتىشكە روخسەت قىلىنمىغان ۋە يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ يەنە ھەم ئايالىنىڭ ھەم 4 ياشلىق قىزىنىڭ پاسپورتىنى خىتاي دائىرلىرىنىڭ تارتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىرزا ئىمران ئەپەندى بېيجىڭدىكى پاكىستان ئەلچىخانىسىدا ئىككى كۈندىن بۇيان ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان ئەلچىخانا خادىملىرى ئۇنى ۋە يېنىدىكى يەنە بىر كىشى بىلەن قوشۇپ ئەلچىخانىدىن چىقىرىۋەتكەن. ئۇ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئەلچىخانا ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلغان. مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن.
مىرزا ئىمران بەگ بىزگە بېيجىڭدىكى پاكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى بىلەن مۇنازىرىلىشىۋاتقان بىر سىن كۆرۈنۈشنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مىرزا ئىمران بەگەلچىخانا خادىمىدىن ئايالىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىغا يازغان تەلەپنامىسىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتىپ ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئەلچىخانا خادىمى ئۇنىڭغا «سىز پاكىستاندا خالىغان ۋاقىتتا خالىغان يەردە ئىش بىجىرەلەيسىز، ئەمما بۇ يەر پاكىستان ئەمەس» دېگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بىز يەنە ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن توي قىلغان پاكىستانلىقلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولغان لاھورلۇق سودىگەر قانۇنشۇناس مىياڭ شاھىد ئىلياس ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مىياڭ شاھىد ئىلياس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىلىك ئۇيغۇر ئايالى ۋە 4 ياشلىق قىزى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگىرىدا ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن توي قىلغان پاكىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ سانى 2000 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ھازىر 350 پاكىستانلىق خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە باللىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان.
بىز يەنە پاكىستاننىڭ مەردان شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ھازىر بەش بالىسى بىلەن ئۇيغۇر ئايالىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ئىزدىنىۋاتقان باي سودىگەر پاچاخان بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
پاچاخان ئەپەندى 2000 -يىلى ئۈرۈمچىدە بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن توي قىلغان ۋە 4 پەرزەنتى توغۇلغان بولۇپ ئۇلار ئۈرۈمچىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 2017-يىلى 4-ئايدا ئۆزى پاكىستانغا كېتىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندا ئايالى ۋە 4 پەرزەنتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرغا سۇلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. بىراق ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن كۈرۈشەلمىگەن، ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمىگەن. ئۇ ھازىر پاكسىتان باش مىنىستىرى ئىمرانخاندىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.